خىتاينىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى خىتايغا ساياھەتكە كەلگەن چەت ئەللىكلەر، بولۇپمۇ تور چولپانلىرىدىن پايدىلىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا كەڭ ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى تاراتقۇلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ۋىدىيولىرىنى تارقىتىشقا باشلىغان.
«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» 1-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان ئوبزوردا دېيىلىشىچە، يۇتۇب ۋە ئىنستاگرام سۇپىسىدا مىڭلىغان، يۈز مىڭلىغان ئەگەشكۈچىسى بولغان ۋىلوگېرلار (ۋىدىيو بلوگېرلىرى) خىتايغا ساياھەتكە كېلىپ، ماڭغان-تۇرغان، يېگەن-ئىچكەنلىرىنى ۋىدىيو قىلىپ تارقاتقان ھەمدە خىتاي شەھەرلىرىدىكى «تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش» لەرنى داۋراڭ قىلغان. ئارقىدىن خىتاينىڭ دۆلەت تاراتقۇلىرى ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تاراتقۇلىرى ئارقىلىق ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ تەشۋىق قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ۋىلوگېرلارنى تەشۋىق قىلىشىدىكى مەقسىتى، بىرىنچىدىن خىتاي ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش، ئىككىنچىدىن، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى سۆزلىرىگە غەربلىكلەرنىڭ ئاغزى ئارقىلىق رەددىيە بېرىش، ئۈچىنچىدىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى داۋاملىق ئىنكار قىلىش ئىكەن.
ئۈرۈمچىگە زىيارەتكە بارغان ئەنگىلىيەلىك ئەر-خوتۇن ئۆزىنىڭ ۋىدىيوسىدا «ئەگەر سىز پەقەت غەرب تاراتقۇلىرىنىڭلا گەپلىرىنى ئاڭلىسىڭىز، خىتايدىكى بۇ جاي ئەڭ كۆپ تالاش-تارتىش قىلىنىدىغان جايدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ياخشى ياشاۋاتقاندەك قىلىدۇ» دېگەن. بۇ تور چولپانلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن، بەزىلىرى ئۆزىنىڭ خىتايغا كېلىشتىكى مەقسىتىنىڭ پەقەت ساياھەت قىلىش ئىكەنلىكىنى، سىياسەت، دىن بىلەن ھېچقانداق ئىشى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە بارغانلار ئۇ جايدىكى تەقىپ-نازارەت ۋە تەكشۈرۈشتىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. مەسىلەن، ئەنگىلىيەلىك ساياھەتچىلەر بىر بازارغا كىرىدىغاندا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغان. بىرسى بۇنى چۈشەندۈرۈپ، «بازارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۇلار كىرىپ-چىققانلارنى تەكشۈرىدۇ» دېگەن. ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ قىسقىغىنە زىيارىتىدە ئالغان كۆرۈنۈشلىرىنىڭ تولىمۇ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.
ئۇيغۇر ئېلىگە بارغان مۇخبىرلارنىڭلا ئەمەس، ساياھەتچىلەرنىڭمۇ ھەر دائىم تەقىپ-نازارەتكە ئېلىنىدىغانلىقى، يەرلىك كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشقاندا دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرايدىغانلىقى كۆپتىن بېرى مەلۇم بولۇپ كېلىۋاتقانىدى. بۇ ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەت بارغان بىر ئىسپانىيەلىك ئايال كوچىدىكى ساقچى ماشىنىسىنىڭ تەقىب قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ياتاق ئالغىلى مېھمانخانىغا كىرگەندە مۇلازىمنىڭ ئاۋۋال ساقچىغا تېلېفون قىلغانلىقىنى، ئاندىن ساقچىنىڭ مېھمانخانىغا كېلىپ ئۇنى ئىزدىگەنلىكىنى توردا ئاشكارىلىغان.