BBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ساختا ئۇچۇرلارغا قارشى پائالىيەت قىلىدىغان «ئۇچۇر قارشىلىقى مەركىزى» ناملىق بىر تەتقىقات ئورنى چەتئەللەردىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان 350 دىن ئارتۇق ساختا ھېساباتلارنى بايقىغان.
بۇ ئورگان ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ساختا ھېسابلار دائىم خىتاي ھۆكۈمىتىنى ماختايدىغان ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرغۇچىلارنى چۈشۈرىدىغان يوللانمىلارنى تارقىتىدىكەن. بۇنىڭدىكى مەقسەت غەربنىڭ ئوبرازىنى چۈشۈرۈپ، خىتاينىڭ چەتئەلدىكى تەسىرى ۋە ئوبرازىنى ئاشۇرۇش ئىكەن.
بەزى ھېساباتلار-Twitter، Facebook، Instagram ۋە YouTube غا تارقالغان بولۇپ، بۇ ھېساباتلار سۈنئىي ئەقىل بىلەن ھاسىل قىلىنغان باش سۈرەتلەرنى ئىشلىتىدىكەن. بەزىلىرى ئوغرىلانغان ھېساباتلار ئىكەن.
گەرچە بۇ ساختا ھېساباتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى توغرىسىدا ئېنىق پاكىت بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ ھېساباتلار ئىلگىرى Twitter ۋە Facebook تەرىپىدىن چەكلەنگەن خىتاينى قوللايدىغان ھېساباتلارغا ئوخشايدىكەن. تارقاتقان مەزمۇنلىرىمۇ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى ۋە ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى تارقاتقان ئۇچۇرلارغا ئوخشايدىكەن. ئۇلار ئورتاقلاشقان مەزمۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكاغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئامېرىكانىڭ ئىچكى سىياسىتىدىكى سەزگۈر مەسىلىلەرنى قوچۇيدىكەن، ئامېرىكانى ھەدەپ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار دەپ تەسۋىرلەيدىكەن. بولۇپمۇ ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قاتتىق ئىنكار قىلىپ ئۇنى «ئامېرىكا ۋە غەرب تەرىپىدىن توقۇلغان يالغان» دەيدىكەن.
دىققەت قوزغايدىغىنى، بۇ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى بىلەن ياساپ چىقىلغان ھېساباتلارنىڭ كۆپى تۈركچە ئىسىم-فامىلە قوللىنىدىكەن. بۇ ئىسىملار ئوغرىلانغان بولۇشى مۇمكىنكەن. فېيسبۇك ۋە يۇتۇب قاتارلىقلار بۇنداق ساخـتا ھېساباتلارنى ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.