خىتاي دائىرىلىرى كورلا شەھىرىدە «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەپتىلىكى ئۇيۇشتۇرغان
2024.08.23
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» بەرپا قىلىش نامىدا خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ۋەيران قىلىش جىنايەتلىرى خەلقئارادا «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» جىنايىتى ئەيىبلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، 22-ئاۋغۇست كورلا شەھىرىدە «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەپتىلىكى» باشلانغان.
خىتاي مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك دائىرىلەر بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەتكە 300 دىن ئارتۇق تۈر ۋە 400 دىن ئارتۇق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتناشتۇرۇلغان.
CGTN، يەنى «خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى» نىڭ 22-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كورلادا باشلانغان بۇ قېتىملىق مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەپتىلىكىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر بىلەن خىتاينىڭ بىر قانچىلىغان ئۆلكىلىرى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ پائالىيەت ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىچكى ئىتتىپاقلىق ئېڭىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ».
ھالبۇكى، چەت ئەللەردىكى مۇستەقىل تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن مەزگىللىك مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يوق قىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەسلى قىياپىتى ۋە ئىزچىللىقىغا توسالغۇلۇق قىلماقتا. ئۇيغۇر مەشرەپ، مۇقام قاتارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئەت مىراسلىرى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلەپ بەرگەن كوممۇنىستىك تەشۋىقات رامكىسى ۋە خىتايلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ قۇربانىغا ئايلانماقتا. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە فولكلور تەتقىقاتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن پىروفېسسور راھىلە داۋۇت قاتارلىق ئىلىم ئىگىلىرىنى «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زەرەر يەتكۈزۈش» دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلماقتا.
يېقىندا لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى (SOAS) نىڭ پىروفېسسورى رەيچىل خاررىس خانىم قاتارلىق كىشىلەر «مەدەنىيەت مىراسلىرىغا شېرىك بولۇش: ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سەرلەۋھىلىك يېڭى دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، ب د ت ئىلىم-پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) نى ئۇيغۇر ئېلىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قوغدىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.