خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش تەشۋىقات جېڭىدا چەت ئەللەردىكى خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيەتلىرىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ماسلىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەنقىدلەرگە قارشى كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان بۇ خىلدىكى تەشۋىقات يىغىنلارنىڭ بىرى27-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېكران ئارقىلىق ئېچىلغان.
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، يىغىندا ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئاۋىستىرالىيە، روسىيە، كانادا، ياپونىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، تۈركىيە، يېڭى زېلاندىيە، گوللاندىيە، شىۋىتسىيە، ھىندىنوزىيە، پاكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق 20 دۆلەتتىكى خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە شۇ دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرى تور ئارقىلىق بۇ يىغىنغا قاتناشقان.
ئېكران يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز گەپ يورغىلىتىپ: «شىنجاڭ ھازىر تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرماقتا. ئامېرىكا ۋە غەربتىكى خىتايغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭ خەلقىنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرمەسلىككە سالدى. ‹جازا لاگېرى›، ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› قاتارلىق نەچچە يۈز يىللىق يالغانچىلىقنى تارقاتتى. . . ئۇلارنىڭ تۈپ مەقسىتى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى يوغىنىتىپ، شىنجاڭنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىشتۇر،» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يىغىندا يەنە كانادا، ئەنگىلىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيەتلىرىنىڭ باشلىقلىرىدىن ۋاڭ ۋېنكاڭ، يې زىڭيا ۋە خۇا پىڭ قاتارلىقلارمۇ سۆز قىلغان. ئۇلار بىر ئېغىزدىن «غەربتىكى سىياسەتچىلەر راسـت گەپ قىلمايدۇ، بىز ئۆزىمىز تۇرۇشلۇوق دۆلەتلەردىكى ئاممىغا شىنجاڭدىكى ئەمەلىيەتنى تەشۋىق قىلىمىز. بىزنىڭ شۇنداق قىلىش مەسئۇلىيىتىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىز بار،» دېگەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى خەلقئارادا كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، خىتاي مۇشۇ خىلدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە سىن يىغىنلىرى ئارقىلىق خەلقئارا جامائەتنىڭ پىكىر ئېقىمىغا قارشى تەشۋىقات ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان ئىدى. چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىقى خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيەتلىرى ۋەكىللىرىنىڭ سۆزى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەشۋىقات ھەرىكىتىدە خىتاي مۇھاجىر تەشكىلاتلىرىدىن پايدىلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.