خىتاينىڭ «يوتۇب» دىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى تەشۋىقاتلىرى سىستېمىلىق پاش قىلىندى
2022.10.20
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرى تاشقىي دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولغان ھەمدە خەلقئارادا بۇنىڭغا قارشى كۈچلۈك تەنقىد سادالىرى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى تېزدىن بۇنىڭغا قارشى چارىلەرنى كۆرۈشكە باشلىغان ئىدى. بۇنىڭدىكى تىپىك بولغان تەتۈر تەشۋىقات ھەركەتلىرىنىڭ بىرى دۇنيا مىقياسىدا كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقۇرى بولغان، ئەمما خىتايدا تولۇق مەنئى قىلىنغان «يوتۇب» (YouTube) قانىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ «بەختىيار ھاياتى»، ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ئىناق جەمئىيەت» تەشۋىق قىلىنغان غايەت زور ساندىكى مەدھىيە فىلىملىرىنىڭ پەيدا بولۇشىدا ئەكس ئەتتى.
20-ئۆكتەبىر كۈنى «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتى» تەييارلاپ چىققان بۇ ھەقتىكى زور ھەجىملىك دوكلات ئېلان قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەشۋىقات ئۇرۇشىدا قانداق ۋاستىلارنى قوللانغانلىقى، بۇنىڭ خەلقئاراغا بولغان تەسىرى ھەمدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى «جەڭگاھ» قىلغان بۇ تەشۋىقات ئۇرۇشىنىڭ خەلقئارادا «مېڭە يۇيۇش» نى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى تەپسىلى بايان قىلىندى.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ياقتىن ئۇيغۇر دىيارى، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلاردىكى زۇلۇمنى كۈچەيتسە، يەنە بىر ياقتىن بۇ زۇلۇمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قەتئىي ئىنكار قىلىش مەۋقەسىنى قوللانغان. تاشقىي دۇنيانىڭ بۇ ھەقتىكى ئەيىبلەشلىرى ۋە تەنقىدلىرىگە نىسبەتەن غايەت زور ساندا تەشۋىقات فىلىمى تەييارلاپ، بۇ جايلاردىكى، جۈملىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھاياتنىڭ «نەقەدەر گۈزەل» ۋە «ئارامبەخش» ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان. بۇ خىلدىكى فىلىملەردە «ئۇيغۇر ئارتىست» لار ئوتتۇرىغا چىقىپ «شىنجاڭدا ھايات تىنچلىق ۋە ئاسايىشلىق ئىچىدە داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ جايدا قىرغىنچىلىق بولۇۋاتىدۇ، مەجبۇرىي ئەمگەك داۋام قىلىۋاتىدۇ، دېگەنلەر ئۇچىغا چىققان يالغانچىلار» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان. يەنە بەزىلىرىدە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر سىياقىدا ئوتتۇرىغا چىققانلار بۇ جايدا ھېچقانداق سەلبىي ھادىسىلەرنى كۆرمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
خەلقئارادا سىفىرلىق قۇرۇلۇش ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەخەسسىسلەردىن كېندرېك چان (Kenddrick Chan) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇ كىشىلەرنىڭ قانداق كونتروللۇق ياكى قانداق تەھدىتلەر ئاستىدا بۇ فىلىملەرنى ئىشلىگەنلىكىنى ئېھتىمال بىز مەڭگۈ بىلەلمەسلىكىمىز مۇمكىن» دېگەن. دوكلاتتا يەنە ئالاھىدە قىلىپ «يوتۇب» قانىلىنىڭ بۇ خىلدىكى سىياسىي تەشۋىقاتلارغا سورۇن بولۇپ بەرمەسلىكى ئالاھىدە تەۋسىيەلەر قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.