خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى داۋاملىق ئاقلاشقا تىرىشماقتا

خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى 29‏-ئۆكتەبىر ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقىنى داۋاملىق ئاقلىدى.

«تىنچ ۋە پارلاق شىنجاڭ تېررورلۇقنىڭ ئۇۋىسى ئەمەس» سەرلەۋھىلىك ماقالىدا، غەرب سىياسەتچىلىرى ۋە غەرب تاراتقۇلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «تېررورلۇققا قارشى مۇقىملىق تەدبىرلىرى» گە ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

خىتاينىڭ بۇ لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى، ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىدىن ۋاز كېچىككە مەجبۇرلىشى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، كۆزەتكۈچىلەر ۋە غەربلىك سىياسەتچىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

ئۇلار خىتاينىڭ كىشىنى «قاتتىق بىئارام» قىلىدىغان بۇ قىلمىشلىرىغا خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى. لېكىن «يەرشارى ۋاقتى» دىكى ماقالىنىڭ ئاپتورى خىتاينىڭ قاتتىق قول تەدبىرلىرىنى ئاقلاپ، «يىللاردىن بېرى يولغا قويۇپ كەلگەن تېررورلۇقنى يوقىتىش تىرىشچانلىقىدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ مۇقىملاشقانلىقى، خەلقنىڭ تىنچ ۋە خاتىرجەم ياشاشقا باشلىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېنىغىچە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ يېقىندا بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئورۇنلارنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئېلان قىلغان.

لېكىن، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ ئورۇنلاردىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلار ئارقىلىق بۇ لاگېرلارنى «كەسپىي تەربىيە» ئورنىدەك كۆرسىتىشكە تىرىشسىمۇ، لېكىن بۇ كىشىلەرنىڭ قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقلارنى ئاشكارىلاپ قويماقتا ئىكەن.

26‏-ئۆكتەبىر شىنخۇا ئاگېنتلىقى لاگېردىكى باھارگۈل ئەركىن ئىسىملىك بىر ئايالنى زىيارەت قىلغان. خەۋەردە، بۇ ئايالنىڭ 15 ياش ۋاقتىدا بىر ئىمام بىلەن نىكاھ قىلىپ، «دىنىي ئاشقۇنلۇق» نى يۇقتۇرۇۋالغانلىقى يورۇتۇلۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئايالنىڭ نىكاھ ئوقۇتقانلىقى، قۇرئان كۇرسىغا قاتناشقانلىقى ۋە ھىپجانلانغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدىن ئىبارەت رېئاللىقنى ئاشكارىلاپ بەرگەن.

مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، يەنە خوتەندىكى بىر يىغىۋېلىش لاگېرىدا يېتىۋاتقان ھۆرىقىز ئوبۇلقاسىممۇ زىيارەت قىلىنغان. ھالبۇكى، خەۋەردىن ئۇنىڭ پەقەت دىنىي مەزمۇندىكى سىن ۋە رەسىملەرنى كۆرگەنلىكى، ھالال ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلىنىپ قالغان.