خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 9-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئالدىنقى كۈنى قازاقىستان پايتەختى ئاستانە شەھىرىدە «شىنجاڭ ئاجايىپ ياخشى ماكان» تېمىسىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ پائالىيەت قازاقىستاننىڭ باشقا شەھەرلىرىدە ۋە ئۆزبېكىستاندا داۋاملىق كۆرسىتىلىدىكەن.
بۇ ھەقتىكى سىن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن ئون نەچچە مىللەتنىڭ سەنئەت گۇرۇپپىلىرى ئۆز مىللىتىگە ۋاكالىتەن نومۇر كۆرسەتكەن ھەمدە بۇ ئارقىلىق بۇ ئون نەچچە مىللەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغۇچى «بەخىتىيار خەلق» نىڭ ۋەكىللىرى ئىكەنلىكى ئىشارە قىلىنغان. شۇنىڭدەك بۇ جەرياندا زىيارەتنى قوبۇل قىلغان كىشىلەر «بۇ ئارقىلىق شىنجاڭدا شادىمان ھاياتلىقنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق» دېگەن.
ھالبۇكى، غەرب دۆلەتلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) غا ئوخشاش دۇنياۋى تەشكىلاتلار بىردەك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ياكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئەيىبلەۋاتقان قىلمىشلار سادىر بولۇۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدا مىليونلارچە كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى، شۇ تۇتقۇنلار ئىچىدە مىڭلىغان قازاق خەلقىنىڭمۇ بارلىقى يېقىنقى يىللاردا دۇنيا جامائىتىگە، جۈملىدىن قازاقىستان خەلقىگە كۆپلەپ مەلۇم بولغان قەبىھلىكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانىدى. شۇنداق ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچ ئىش بولمىغاندەك قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا «شىنجاڭ دېگەن بەكمۇ ياخشى جاي» تېمىسىدا سەنئەت نومۇرى كۆرسىتىشى بۇنىڭ بىر تۈرلۈك سىياسىي غەرەزدىكى پائالىيەت ئىكەنلىكىدىن بېشارەت، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەمدە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كەسكىن تەنقىدىگە، شۇنىڭدەك تۈرلۈك ئىقتىسادىي جازالىرىغا دۇچ كەلگەنىدى. بۇنىڭغا قارشى چارىلەر قاتارىدا خىتاي ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە يوليورۇقى بويىچە «شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەش» دولقۇنىنى قوزغىغان ھەمدە بۇنىڭغا غايەت زور مالىيە كۈچى ئاجراتقانىدى. بۇ قېتىمقى سەنئەت كېچىلىكىمۇ نۆۋەتتە ئاشۇ خىلدىكى ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ئۇرۇنۇشلارنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتا.