بىر نەچچە كۈندىن بۇيان خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «شېنجىن شەھىرىنى پارتلىتىشنى پىلانلىغان ئىككى ئۇيغۇر كۈنمىڭنىڭ چاڭسۈي ئايرودرومىدا، ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى» دېگەن ئۇچۇر تارقالغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى مەزكۇر ئۇچۇرغا ئىنكاس قايتۇرمىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كۈنمىڭ چاڭسۈي ئايرودرومىنىڭ خىزمەتچى خادىمىمۇ مەزكۇر ئۇچۇردىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك باشقا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەشنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى. شېنجىن ساقچى ئىدارىسى ۋە ئۈرۈمچى ساقچى ئىدارىسىگە قىلغان تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، بۇ ئەھۋالنى تەنقىدلەپ، يېقىنقى يىللاردا خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارنى قارىلايدىغان بۇ خىل ۋەھىمىلىك ئۇچۇرلارنىڭ كۆپىيىشىگە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى رادىكال ۋە تېررورچى، دۈشمەن كۈچلەر قىلىپ تەسۋىرلەيدىغان تەشۋىقاتلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئۇچۇرلارنى تارقاتقان خىتايلارغا جىددىي تەدبىر قوللانماسلىقى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.