خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويۇۋاتقان تەشۋىقات ھەرىكىتى ئوخشىمىغان ئۇسلۇبلاردا داۋاملاشماقتا.
26-نويابىر كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەرگە قاراتقان تەشۋىقات قانىلى بولغان «CGTN»، يەنى «خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى» ئۇيغۇرلارنىڭ مەشرەپ ئەنئەنىسى تونۇشتۇرۇلغان بىر قىسقا فىلىمنى تارقاتقان.
بۇ فىلىم يۇقىرىدىكى قانالنىڭ خىتايدا چەكلەنگەن بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان «X» ۋە «يۇتۇب» قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ھېسابىدا تارقىتىلغان بولۇپ، فىلىمدە بىر ئۇيغۇر ۋە بىر خىتاي رىياسەتچىنىڭ غۇلجا مەشرىپىگە ئىشتىراك قىلغان كۆرۈنۈشلىرى بىلەن «‹يىغىلىش سورۇنلىرى› دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان مەشرەپنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بىر سورۇن» ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىنى ھېلىھەم داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى بازارغا سېلىنغان.
ھالبۇكى، «CGTN» قانىلى تارقاتقان بۇ مەشرەپ ۋىدىيوسىدىكى تولىمۇ سۈنئىي كۆرۈنۈشلەر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان، ئۇلار بۇنى ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ «دىسنىيلاشتۇرۇلغان» كارتىنىسىغا ئوخشاتقان.
ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ئۈستىدە ئىنتايىن مۇھىم تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت تەتقىقات مەركىزى (ASPI)نىڭ تەتقىقاتچىسى نەيتىن رۇسېر (Nathan Ruser) «X» ئارقىلىق بۇ قىسقا فىلىمگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر ئۆز مەشرەپلىرىنى تەشكىللىشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئاشقۇنلۇقنىڭ ئالامىتى» دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەنئەنىلىرىنى «دىسنىي باغچىسى» دىكى ھەيكەللەرگە ئوخشىتىپ قويۇپ، پۈتكۈل بىر مەدەنىيەتنى رېئال قىممىتىدىن مەھرۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
CGTN، يەنى «خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاشتا رول ئويناپ كېلىۋاتقان تەشۋىقات ئاۋازى بولۇپ، ئۇ بۇندىن ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇننى ۋە لاگېرلارنى ئىنكار قىلىدىغان فىلىملەرنى تارقاتقانىدى.
