«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئوساكادىكى باش كونسۇلخانىسى 15-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىغا مۇناسىۋەتلىك بىر تور تەشۋىقات يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان. بۇ يىغىندا «لياڭزەي سىزگە ھەقىقىي شىنجاڭنى كۆرسىتىدۇ» ناملىق كارتون يۈرۈشلۈك فىلىمى ۋە باشقا فىلىملەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭدىكى ھەقىقەتلەر غەرب تاراتقۇلىرىدا دېيىلگەنلەردىن پەرقلىق» دېگەن ساختا تەشۋىقاتى بازارغا سېلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، ياپونىيە ئاخباراتلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالغان ۋە ياپونىيەنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت ئەزالىرىمۇ كۆپ قېتىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسدە سوئاللارغا دۇچ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيەنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە قاتنىشىش ياكى قاتناشماسلىق مەسىلىسىدە قانداق پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغانلىقى قىزىقىش قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە، ئوساكادىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ بۇ تەشۋىقات پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇشى دىققەت قوزغىدى.
سىن يىغىنىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى، ناخشا-ئۇسۇللىرى نامايەن قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ، خوشال-خورام ياشاۋاتقانلىقىدەك فىلىملەر كۆرسىتىلگەن. ئوساكادىكى خىتاي باش كونسۇلى شۆ جيەن سۆز قىلىپ: «بۇ بىر تۈركۈم كارتون فىلىملار ياپونلۇق دوستلارنىڭ شىنجاڭنى ئوبيېكتىپ تونۇشى، ھەقىقىي قىياپىتىنى چۈشىنىشى ۋە شىنجاڭ خەلقىنىڭ ھەقىقىي ئاۋازىنى ئاڭلاشتىكى كىچىك بىر قەدەم بولۇپ قالىدۇ،» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىمۇ كۆپلىگەن دۆلەتلەردە مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقى ياكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئۆتـكۈزگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. ئەمما خىتاينىڭ شۇنچە زور مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى سەرپ قىلىپ، ئاخبارات ۋە پىكىر ئەركىنلىكى مەۋجۇت دېموكراتىك دۆلەتلەردە بۇ خىل ساختا تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشى، ھېچقانچە ئۈنۈم كۆرسىتەلمىگەن ئىدى.
بۇ نۆۋەت ئوساكادىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئۇيۇشتۇرغان بۇ تەشۋىقات پائالىيىتىگە ئۇيغۇر ئېلىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكى ۋە چەت ئەللەردە مۇھاجىر بولۇپ ياشاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن جەمىلە ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرمۇ قاتناشتۇرۇلغان ۋە سۆزلىتىلگەن. چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ جىنايىتىنى ئىسپاتلايدىغان پولاتتەك پاكىتلار ئالدىدا ئۆزىنى ئالداشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى تەكەتلەشمەكتە.