خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ماسلىشىۋاتقان غەربلىك ئاكادېمىكلار پەيدا بولماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.09.04

يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە بارغان غەربلىك «ئاكادېمىكلار» نىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى ئاقلاۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.

ئەنگلىيەلىك تەتقىقاتچى، «گېرمانىيە ۋە خىتاي» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ئاندرىياس فۇلدا (Andreas Fulda)  ئۆزىنىڭ X  ھېسابىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان غەربلىك ئاكادېمىكلارنى تەنقىدلەپ: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەيۋىسىگە باش ئەگكەن غەربلىك ئاكادېمىكلار ئەركىن جەمئىيەتنىڭ قىممەت قارىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا» دەپ يازغان.

ئاندىرىياس فۇلدا بۇ ئىنكاسنى جاڭ خېچىڭ ئىسىملىك بىرسىنىڭ تارقاتقان ۋىدىيوسىغا رەددىيە بېرىپ يازغان. جاڭ خېچىڭ «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» نىڭ مەسلىھەتچىسى ۋە دىرېكتورى بولۇپ، ئۇ «خىتاي خەۋەرلىرى» تارقاتقان بىر ۋىدىيونى ھەمبەھىرلەپ، ئۇنىڭ ئاستىغا «مىللىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان ئىككى ئالىم ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭ ھەققىدە يالغان-ياۋداقلارنى پەيدا قىلىشنىڭ سەۋەبىنى ئاشكارىلىدى» دەپ يازغان. 

ۋىدىيودا كۆرسىتىلىشىچە، ئاۋسترالىيەلىك خىتايشۇناس  تەتقىقاتچى كولىن مەكېراس (Colin Mackerras) «خىتاي خەۋەرلىرى» تاراتقۇسىغا بەرگەن زىيارىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر يەردە ئۆز مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنى ساقلاپ ياشاۋاتقانلىقىنى، مەسچىتلەرنىڭمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسە، ئامېرىكالىق تەتقىقاتچى، خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر پىروفېسسورى باررى سوتمان (Barry Sautman)  «شىنجاڭ ھەققىدە چىققان ئەيىبلەش ۋە قارىلاشلارنىڭ ئامېرىكانىڭ بىر سىياسىي ئىستراتېگىيەسى، خىتايغا قارشى تەشۋىقاتنىڭ بىر قىسمى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان ئادرىيان زېنىز، دەررېن بايلېرغا ئوخشاش كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەكسىچە، خىتاينىڭ دېپىنى چېلىۋاتقان بۇنداق تەتقىقاتچىلارنىڭمۇ مەيدانغا كېلىشى، خىتاينىڭ ئاكادېمىك ساھەدىمۇ ئۆز جىنايىتىنى ئاقلايدىغان سەھنە ھازىرلاۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.