ساراھ كۇك: «خىتاينىڭ چەتئەللەرگە يامراۋاتقان تەسىرىگە قانداق جاۋاب قايتۇرىسىز؟»

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەممىلا ساھەگە ئۆز كونتروللۇقىنى ۋە تەشۋىقاتىنى سىڭدۈرۈشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە چەتئەللەرگە ئۆزىنىڭ ھاكىممۇتلەق سىستېمىسىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇشى جەريانىدا كۆپلىگەن مىسال تەرىقىسىدىكى ۋەقەلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ بۇنىڭدا چەتئەللەردىكى كۆپلىگەن شىركەتلەر ۋە سىياسىي رەھبەرلەرنىڭ بېيجىڭدىن كېلىۋاتقان بېسىمدىن بۇرۇقتۇرما بولۇۋاتقانلىقى ئەڭ گەۋدىلىك ئەھۋاللارنىڭ بىرىدۇر.

ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم 27-فېۋرال كۈنى «دىپلومات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارچە ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، چەتئەللەرگە ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش، چەتئەللەردىكى بىلىم يۇرتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىجابىي شەكىلدە تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە چەتئەللەردىكى ئۆكتىچىلەر ھەمدە ئۇيغۇر، تىبەت پائالىيەتچىلىرىنى «ئوۋ نىشانى» قىلىۋاتقانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىندى.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئالاقىدار بېسىملىرىغا دۇچ كەلگەندە ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇنلىرى بويىچە ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇشى لازىم» دەيدۇ. ئۇ شۇ قاتاردا تىبەتلەرنىڭ مەنىۋى داھىيسى دالاي لاما «ساياھەت ھۆججىتى» ئارقىلىق جەنۇبىي ئافرىقىغا بارماقچى بولغاندا ئۇنىڭغا ۋىزا بېرىلمىگەنلىكىنى، ئەمما تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى لوبساڭ سانگاي مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئامېرىكا پاسپورتى ئارقىلىق جەنۇبىي ئافرىقىغا بارغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىشقا ناھايىتى خاپا بولغانلىقىغا قارىماستىن ئۇنىڭغا قانۇنلۇق ۋىزا بېرىلگەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ.

ئۇ ماقالىسىنىڭ داۋامىدا خىتاينىڭ چەتئەللەرگە چاڭگال سېلىشىنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالى قاتارىدا مالايشىيادا تۇتۇلۇپ قالغان 11 ئۇيغۇر قاچقۇننى خىتايغا ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مالايشىيا ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىۋاتقانلىقى، ئەمما شۇ جايدىكى ئادۋوكاتلارنىڭ بۇ ھەقتە جىددىي بايانات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنى بۇنىڭدىن توسۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مالايشىيا ھۆكۈمىتىگە بۇ ھەقتە بېسىم قىلغانلىقىنى، بۇ ئىشلارنىڭ نەتىجىسىدە مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىشلارنى تايلاند تەرەپ بىلەن دىپلوماتىك شەكىلدە ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ ئىشلارنىڭمۇ مالايشىيانىڭ ئۆز قانۇنلىرىغا ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ئۇ ئاخىرىدا دۇنيادىكى قايسىلا دۆلەت بولسۇن ھەممىسىنى خىتاينىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنى بويىچە ئىش كۆرۈشكە، شۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ بېسىملىرىغا ئاددىي، ئەمما قانۇنلۇق رەۋىشتە جاۋاب قايتۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ.