خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئامېرىكادىكى تەسىرىنى كۈچەيتىشكە سالغان سېلىنمىسىنى زور مىقداردا كۆپەيتكەنلىكى مەلۇم بولغان. ئامېرىكىدىكى «سىياسەت ئىنكاسى مەركىزى» ناملىق كۆزىتىش ئورنىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئۇنىڭغا ئىشلەيدىغان چەتئەل ۋاكالەتچى ئاگېنتلىرىغا سەرپ قىلغان سېلىنمىسى شىددەتلىك كۆپىيىپ، 2016-يىلقى 10 مىليون دوللاردىن 2020-يىلى 64 مىليون دوللارغا چىققان. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يېقىنقى 4 يىل ئىچىدە سالغان بۇ جەھەتتىكى سېلىنمىسى 500 پىرسەنت ئاشقان.
بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى تەسىرىنى كۈچەيتىشكە سالغان سېلىنمىسىنى زور مىقداردا ئاشۇرۇشى ئۇنىڭ سودا، ئەقلىي مۈلك، جەنۇبىي دېڭىز، ئۇيغۇر، تەيۋەن، خوڭكوڭ قاتارلىق مەسىلىلەردە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئامېرىكا جامائەت پىكىرىنى پارچىلاش، ئامېرىكادا ئۆزىگە پايدىلىق جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىش پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، «جۇڭگو گېزىتى»، CGTN قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئامېرىكادىكى خىتاي ۋاكالەتچى ئورگانلىرى سۈپىتىدە تىزىمغا ئېلىنغان بولۇپ، شىنخۇانىڭ ئۆزىلا 2020-يىلى 3-ئايدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئامېرىكادىكى ۋاكالەتچى تارماق ئورگانلىرىغا 8. 6 مىليون دوللار بەرگەن. «سىياسەت ئىنكاسى مەركىزى» نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ «ئامېرىكادا قالايمىقان ۋە خاتا ئۇچۇر تارقىتىش ھەرىكىتى ئامېرىكانىڭ سودا، سىياسىي، ئىجتىمائىي ئىقلىمغا ئىنتايىن رېئال ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن.»