مايا ۋاڭ: «خىتاي تەسۋىرلەۋاتقان ‹گۈزەل شىنجاڭ› دا ئۇيغۇرلار داۋاملىق زۇلۇم چەكمەكتە! »
2023.09.13
خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئىنكار قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە يېقىندىن بۇيان يېڭى تەشۋىقاتلارنى باشلىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئەڭ تىپىك بىر تۈرى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ «ئىناقلىق» ۋە «بەختىيار ھاياتقا تويۇنغان» بىر ماكان ئىكەنلىكى ھەققىدىكى پائالىيەتلەر بولماقتا. «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ ئىمزاسىدا 12-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئوبزوردا، بۇنىڭ ئالدامچىلىق خاراكتېرى يەنە بىر قېتىم كەسكىن قامچىلاندى.
ئاپتورنىڭ پىكرىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ئاۋغۇستتا ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغاندا، مەخسۇس سۆز قىلىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «زور مۇشەققەتلەر بەدىلىگە قولغا كەلگەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق» نى ئالاھىدە تەرىپلىگەن، شۇنىڭدەك نۆۋەتتىكى «گۈزەل شىنجاڭ» مەنزىرىسىنى تېخىمۇ يۈكسەك پەللىگە ئېلىپ چىقىش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن. ھالبۇكى، شى جىنپىڭ زوقلىنىپ تەسۋىرلىگەن مەزكۇر «گۈزەل شىنجاڭ مەنزىرىسى» ، 2022-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئېلان قىلغان ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى دوكلات بىلەن پۈتۈنلەي قارىمۇ-قارشى تۈس ھاسىل قىلغان. چۈنكى بىر يىل ئاۋۋالقى بۇ دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسەتلىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈش مۇمكىنلىكى» ئالغا سۈرۈلگەن ئىدى.
ئوبزوردا مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئەسلەپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى ئېلان قىلىنغىلى بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما تېخىچە زور كۆلەملىك تۇتقۇندا لاگېرلارغا قامالغانلارنىڭ «زور كۆلەمدە قويۇپ بېرىلگەنلىكى» گە دائىر ھېچقانداق مەلۇماتنىڭ يوقلۇقىنى، چەت ئەللەردىكى سانسىزلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرمۇ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىلگەن. دوكلاتتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاتتىق نازارەت ۋە تەكشۈرۈشنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى، «ئۈچ ئەل» (ئەل رايىنى سىناش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش) خىزمىتىنىڭ ھازىرمۇ بىر خىلدا داۋاملىشىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ «خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىشى» ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما چېن چۈەنگونىڭ ئورنىغا كەلگەن ما شىڭرۇينىڭ ئىلگىرىكى ئاسسىمىلياتسىيە ۋە يوقىتىش سىياسىتىنى بىر قوللۇق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، تېخىمۇ مۇھىمى نۆۋەتتىكى «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشىدا خىتاي مەدەنىيىتى ۋە خىتاي كىملىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي يوسۇندا تېڭىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىنغان.
ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياپ شىنجاڭدا بىر گۈزەل جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەۋاتىدۇ. بەزىلەر بۇنىڭغا ئىشىنىۋاتىدۇ ھەمدە بۇ جايدىكى جىنايەتلەرنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ جايدىكى زۇلۇم ئىلگىرى قانداق بولغان بولسا، ھازىرمۇ شۇنداق بولۇۋاتىدۇ» دەپ خۇلاسە چىقارغان.