خىتاي «ئەشەددىي تەيۋەن بۆلگۈنچىلىرى» گە ئۆلۈم جازاسى بېرىش بىلەن تەھدىت  سالغان

خىتاي سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىۋاتقان تەيۋەندە ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى 21-ئىيۇن كۈنى تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىدا چىڭ تۇرغان ئاتالمىش «ئەشەددىي بۆلگۈنچىلەر» گە پەۋقۇلئاددە ئەھۋاللاردا ئۆلۈم جازاسى بېرىش بىلەن تەھدىت سالغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې تېخى يېقىندىلا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىنىڭ ئارقىسىدىنلا بۇ تەھدىتتە بولۇشى دىققەت قوزغىماقتا.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 21-ئىيۇن كۈنى خىتاي قانۇنلىرىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي سوت مەھكىمىلىرى، تەپتىش ئورگانلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىلىرى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ «دۆلەتنى پارچىلىماقچى بولغان، بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلغان ئەشەددىي تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىشى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشى» نى تەلەپ قىلغان.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى سۇن پىڭ بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا «بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى»نىڭ ئەڭ يۇقىرى جازاسىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇننىڭ بۇ ماددىلىرىنى ھازىرغا قەدەر كۆپىنچە ھاللاردا ئۇيغۇرلارنى جازالاشتا ئىشلىتىپ كەلگەن ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۇن پىڭ «قانۇنى تەرتىپنىڭ كەسكىن قىلىچى دائىم ئېگىزدە ئېسىغلىق تۇرىدىغانلىقى» نى ئېيتقان. يېڭى بەلگىلىمىدە جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغان جىنايەتلەرگە تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىلگەن. بۇ تەيۋەننىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا كىرىشى؛ «رەسمىي تاشقى ئالاقىلەردە بولۇشى»؛ «بىرلىككە كېلىش» نى قوللىغۇچى پارتىيە، گۇرۇھ ۋە شەخسلەرنى باستۇرۇشنىڭ بۇ خىل جىنايى قىلمىشلارغا كىرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەرلەردە يەنە بەلگىلىمىگە «تەيۋەننى خىتايدىن ئايرىپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان باشقا ھەرىكەتلەر» دېگەن بىر مۈجمەل ماددىنىڭمۇ كىرگۈزۈلگەنلىكى، بۇ مۈجمەل ماددىنىڭ تېخىمۇ كەڭ تەدبىقلىنىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «تېررورلۇق»، «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «رادىكاللىق» قا باغلاپ باستۇرۇشتا قانۇننىڭ مۈجمەل ماددىلاردىن كەڭ پايدىلىنىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.