تىك-توك ۋە ئۇنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولغان Byte Dance (ئويناق خەت) شىركىتىدە ئىشلەيدىغان 300 خىزمەتچى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىغا ئىشلىگەن بولۇپ، بەزىلىرى ھازىرمۇ خىتاي ئۈچۈن ئىشلەيدىكەن.
Forbes تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، LinkedIn تورىغا تىزىملاتقان خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاز دېگەندە 300 ئادەمنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىغا ئىشلىگەنلىكى مەلۇم بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە 23 ئادەمنىڭ ئارخىپىغا قارىغاندا، ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە Byte Dance شىركىتىنىڭ دىرېكتورلىرى بولۇپ، شىركەتنىڭ نازارەتچىلىك، ئاممىۋى ئىشلار، كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى ۋە تاراتقۇلار بىلەن ھەمكارلىشىش قاتارلىق بۆلۈملىرىگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلىمەكتە ئىكەن. 15 ئادەمنىڭ ئارخىپىغا قارىغاندا، ئۇلار شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خىتاي خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى، خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە خىتاي يەر شارى تېلىۋىزىيەسى قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن ياللانغان.
LinkedIn تورىدىكى 50 ئادەمنىڭ ئارخىپىغا قارىغاندا، ئۇلار تىك-توك ئۈچۈن ئىشلىگەن ياكى ھازىرمۇ ئىشلەۋاتقانلار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە بىر ئادەم مەزمۇن ئىستراتېگىيەسى دىرېكتورى ئىكەن ھەمدە ئىلگىرى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ غوللۇق مۇخبىرى بولغانىكەن؛ قالغانلىرى تىك-توكنىڭ سىياسەت، ئىستراتېگىيە، تىجارەت، پۇل-مۇئامىلە، ئابونتلار تەسىراتى، چەت ئەل بازىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش قاتارلىق ساھەلىرىدە خىزمەت قىلغان ئىكەن.
يۇقىرىقىلاردىن قارىغاندا، تىك-توك بىلەن خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى زىچ بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ساختا ئۇچۇرلىرىنى تارقاتقان؛ خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى يەنە Facebook Instagram, Twitter سەھىپىلىرىدە خېلى زور مىقداردا ئابونتلارنى توپلىغان. تىك-توكنىڭ باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن پەرقلىنىدىغان يېرى، ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى كونترول قىلىدىغان بىرەر ھېسابات يوق ئىكەن؛ يەنى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئۆز نامى بىلەن ھېسابات ئاچمىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تىك-توك ۋە ئۇنىڭ ئانا شىركىتى بولغان ByteDance نىڭ شاڭخەيدە باش شىتابى بار ئىكەن، ئۇلار تىك-توكتىن باشقا يەنە خىتايدا كەڭ قوللىنىلىدىغان «دويىن»، «بۈگۈنكى باش خەۋەر» قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە تور بېكەتلىرىنى باشقۇرىدىكەن. تىك-توك شىركىتى 300 خىزمەتچىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئىشلىگەنلىكى ياكى ئىشلەۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر نەرسە دېمىگەن، ئىنكارمۇ قىلمىغان؛ خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىمۇ بۇ ھەقتا ئىنكاس قايتۇرمىغان.