ئۇيغۇر رايونىدىكى يېزا-كەنتلەردە خىتايچىنى مەجبۇرى ئۆگىنىش يولغا قويۇلغان

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «دۆلەت تىلى»نى ئۆگىنىش نامىدىكى خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانىنىڭ يەسلى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىلەن چەكلىنىپ قالمىغانلىقى مەلۇم بولدى.

يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر ھازىر ئۇيغۇر رايونىدىكى يېزا-كەنتلەردە كەڭ كۆلەملىك «دۆلەت تىلى» كۇرسلىرىنى ئېچىپ، خىتاي تىلى ئۆگىنىشنى سىياسىي مەيدان مەسىلىسى سۈپىتىدە تۇتۇپ كەلمەكتىكەن.

خوتەننىڭ مەلۇم ناھىيەسىدىكى بىر يەرلىك ئاھالە يېقىندا، ئۇلا ر تۇرۇشلۇق ناھىيەنىڭ ھەر قايسى يېزا-كەنتلىرىدە خىتاي تىلى كۇرسلىرىنىڭ ئېچىلىپ، دېھقانلار مەجبۇرى قاتنىشىۋاتقانلىقى، چۈنكى قاتناشمىغانلار «سىياسىي مەيدانى مۈجمەل»، «رادىكال» دەپ قارىلىپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، يېزا-كەنتلەردىكى خىتاي تىل كۇرسلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىنى قىلىش تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلارنىڭ نىشانلىق ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2014‏-يىلى 200 مىڭ كادىرنى تۆۋەنگە چۈشۈشكە سەپەرۋەر قىلىپ، يېزا-كەنتلەردىكى دېھقانلارنىڭ «قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش»قا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بىراق، بۇ يىل 3‏-ئايدا باشلانغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك تۆۋەنگە چۈشۈش خىزمىتىنىڭ نىشانلىرىنىڭ مۇھىم بىرى دېھقانلارنى «دۆلەت تىلى» دا تەربىيىلەشكە قارىتىلغان.

«ئاقسۇ ئاخبارات تورى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، شايار ناھىيەسىنىڭ يېڭى مەھەللە بازىرىغا قاراشلىق قوشكۆۋرۈك كەنتنىڭ ئۆزىدە خىتاي تىلى كۇرسىغا قاتناشتۇرۇلۇۋاتقان دېھقان كۇرسانتلار 370 دىن ئاشقان.

دائىرىلەر ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي تىلىنى ئۆگىتىشنى مۇقىملىق مەسىلىسىگە كۆتۈرۈپ، بۇ سىياسەتنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ كەلدى. ئۇلار بۇ يىل 9‏-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى بىكار قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك خىتاي تىلىغا كۆچكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بىراق بۇ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.