خىتاي تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى
2013.07.06
خىتاي ھۆكۈمىتى تور بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ھازىرلانغانلىقى بىلدۈردى ۋە دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئامېرىكانىڭ ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
كېلەر ھەپتە ئامېرىكادا ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىسادىي دىئالوگى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسى مەزكۇر دىئالوگدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان ئەڭ مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى.
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر دىئالوگدا يەنە ئىقتىساد ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
بۇ ھەقتە توختالغان خىتاي ياردەمچى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جەڭ زېگۋاڭ ئامېرىكا بىلەن تور بىخەتەرلىكى ھەمدە تېخىمۇ بىخەتەر تور دۇنياسى بەرپا قىلىش مەسىلىدە دىئالوگ ئۆتكۈزۈشكە ھازىرلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا خىتايدىن كېلىدىغان تور ئوغرىلىرىنىڭ ئەڭ ئېغىر زىيىنىغا ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مەزكۇر مەسىلە يېقىدىن بۇيان ئامېرىكا - خىتاي دىپلوماتىيىسىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا ئاچىققان.
ېيجىڭ دائىرىلىرى خىتايدىن ئامېرىكىغا كېلىدىغان تور ھۇجۇملىرىنى ئاياغلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئامېرىكانىڭ قاتتىق بېسىمىغا دۇچ كەلگەن ئىدى.