خىتاي بىر يىلدىن بۇيان زور كۆلەمدە «تور دۇنياسىدا تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتى» ئېلىپ بارغان

خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى كەڭ-كۆلەمدە ئىشقا سېلىشتىن باشقا يەنە، دۇنياغا داڭلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتى قوزغىغان.

29-ئاۋغۇست كۈنى «سىياسەتچى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىسى بولغان شەخسلەر ۋە گۇرۇپپىلار فېيسبوك، يۇتۇب، تىۋىتتېر، مېدىيۇم (Medium)، كۇرا (Quora) قاتارلىق 50 نەچچە ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىدىكەن.

مېتا (Meta) شىركىتىگە تەۋە فېيسبوك تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، فېيسبوكتا ھازىر 8000 ئابونت، ئىنستاگرامدا 15 ئابونت خىتاينى قوللايدىغان تېمىدا سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن. ئۇلار يەنە يۇتۇب قانىلى، كۇرا ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە كىرىپ، خىتايغا پايدىلىق تەشۋىقاتلارنى قىلىدىكەن.

خىتاينىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە باغلىنىشى بولغان بۇ ئابونتلار «كورونا ۋىرۇسىنى ئامېرىكا تارقاتتى» دېگەندەك ئۆسەك سۆزلەرنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكانىڭ تەيۋەننى قوللىشىنى تەنقىدلەيدىغان يازمىلارنى ۋە ئىنكاسلارنى كۆپلەپ ئېلان قىلغان. ئۇلار يەنە ئەنگىلىيە پادىشاھى ئېلزابىتنىڭ ئۆلۈشىنى ئەنگىلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى لىز تىراس بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ پىتنە-ئىغۋا تارقاتقان. خىتاينىڭ بۇنداق تور مۇخلىسلىرىغا ئەگىشىدىغانلار 550 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ «تور دۇنياسىدا تەسىر قوزغاش ھەرىكىتى» ئېلىپ بارغىنىغا بىر يىلدىن كۆپ ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، ئۇنچە كۆپ ئادەمنى جەلپ قىلالمىغان، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان پىكىر ئېقىمى پەيدا قىلالمىغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تېخىمۇ كۆپ ئادەملىرىنى ئىشقا سېلىپ، داۋاملىق تۈردە ئۆزىنى داڭلاش، ئۆزىنى ئاقلاش، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنى سەت كۆرسىتىش، كېلەر يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ سايلام باشلىنىشتىن ئاۋۋال ساختا ۋە يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، سايلامغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا ئىكەن.