خىتاي تور ھۇجۇمى مەسىلىسىدە ئوچۇق ئاشكارا بولۇشقا چاقىرىلدى
مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.04.24
2013.04.24
ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى گېنېرال مارتىن دەمپسېي خىتاي رەھبەرلىرىنى تور ھۇجۇمى مەسىلىسىدە ئوچۇق ئاشكارا بولۇشقا چاقىردى.
ئامېرىكا ھەربىي شتاب باشلىقلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گېنېرال دەمپسېينىڭ چارشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، بۇ چاقىرىقلارنى خىتايدىكى 3 كۈنلۈك زىيارىتى جەرياندىلا ئوتتۇرىغا قويغان.
گېنېرال دەمپسېينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىنتېرنېت ھۇجۇمى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇنىڭ بۇ نۆۋەتلىك سەپىرىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولغان.
ئامېرىكا دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە قارىتىلغان خىتاي مەنبەلىك تور ھۇجۇملىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
چارشەنبە كۈنى خىتاي زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغان گېنېرال دەمپسېي خىتاي تەرەپكە بۇ خىلدىكى ھۇجۇملار كەلتۈرۈپ چىرقىرىغان خەتەرلەرنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.