خىتاي جاسۇسلۇق ئورگىنى ئادرىيان زېنزگە ھۇجۇم قىلىشتا بېلگىيەلىك بىر سىياسىيوندىن پايدىلانغان

خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى خادىملىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولىشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەسىلىلىرىدىكى تەتقىقاتى بىلەن داڭ چىقارغان ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، دوكتور ‍ئادرىيان زېنزگە ھۇجۇم قىلىشتا بېلگىيەلىك بىر سىياسىيوندىن پايدىلانغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئەنگلىيەنىڭ «مالىيە ۋاقتى» گېزىتى، گېرمانىيەنىڭ «ئەينەك»، فىرانسىيەنىڭ «لې موندې» گېزىتلىرى بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان بىر تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ دانىيال ۋۇ ئىسىملىك بىر جاسۇسى، بېلگىيەنىڭ رادىكال ئوڭچى سىياسىيون، بېلگىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ سابىق ئەزاسى فرانك كرېيېلماننى پۇلغا سېتىۋېلىپ، ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت خىتايغا پايدىلىق ئىشلار ئۈچۈن ئىشلەتكەن. تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن خىتاي جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ فرانك كرېيېلماندىن دوكتور ئادرىيان زېنزگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ ئابرۇيىنى چۈشۈرۈشنى، ئۇنىڭ ئاتالمىش «سەتچىلىكلىرى» نى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغانلىقى مەلۇم بولغان.

«مالىيە ۋاقتى»، «لې موندې» ۋە «ئەينەك» گېزىتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار دانىيال ۋۇ بىلەن فرانك كرېيېلماننىڭ 2019-يىلدىن 2022-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يېزىشقان تېكىست يازمىلىرىغا ئېرىشكەن. بۇ يازمىلارنى ياۋروپادىكى بىر بىخەتەرلىك ئورنى قولغا چۈشۈرگەنىكەن. بۇ يازمىلاردا دانىيال ۋۇنىڭ فرانك كرېيېلماندىن غەربنى پارچىلاش، ياۋروپادىكى خىتاينىڭ خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىنى باستۇرۇشى، ئۇيغۇرلارنى جازالىشىغا دائىر مەسىلىلەردىكى مۇزاكىرىلەرنى خىتايغا پايدىلىق تەرەپكە بۇراشتا پايدىلانغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2021-يىلى 1-ئايغا ئائىت بولغان بىر يازمىدا، خىتاي تەرەپ فرانك كرېيېلماندىن بارلىق چارىلارنى قوللىنىپ، ئادرىيان زېنزنىڭ ئابرۇيىنى چۈشۈرۈشى تەلەپ قىلغان. ھالبۇكى، 2021-يىلنىڭ باشلىرىدا ئادرىيان زېنزگە قارىتىلغان ھۇجۇم يۇقىرى پەللىگە چىققانىدى. ئادرىيان زېنز 15-دېكابىر «لىنكېد ئىن» (LinkedIn) ناملىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىكى ئىنكاسىدا، «بۇ، ھەيران قالارلىق بولمىسىمۇ، لېكىن بۇنى ئۇنىڭ ئېغزىدىن بىۋاسىتە ئاڭلاش تولىمۇ ھەيران قالارلىق» دەپ كۆرسەتكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، دانىيال ۋۇنىڭ كرېيېلمانغا يازغان بىر قېتىملىق يازمىسىدا: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئامېرىكا-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى پارچىلاش» دېيىلگەنىكەن. خەۋەردە، مەزكۇر يازمىلارنىڭ خىتاي جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سىياسىي مۇزاكىرىلەرنى قانداق مونوپول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىغا دائىر تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.