ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىماقتىكەن

ئامېرىكا تور بىخەتەرلىكى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دەلىل-ئىسپاتلىرى بىلەن دۇنياغا ئاشكارىلاپ بەرگەن گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىزنى نىشان قىلغان مەخسۇس بىر تور ھۇجۇمى ھەرىكىتى يۈز بەرمەكتىكەن.

خىتاينىڭ قوللىشىدىكى بۇ تور بەتلەر، تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز ھەققىدە بىر قاتار ساختا ماقالىلەرنى ۋە تىۋىتتېر ئۇچۇرلىرىنى ئويدۇرۇپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىدە ئادرىيان زېنزنىڭ ئۆز تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيودىن ۋە سابىق پرېزىدېنت ترامپنىڭ مەسلىھەتچىسى سىتىۋ باننوندىن پۇل ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

كېيىن بۇ ئويدۇرما خەۋەرلەر يەنە باشقا بىر قانچە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتلىرى ھەمدە تور بېكەتلىرىدىمۇ خەۋەر قىلىنغان، شۇنداقلا ئاتالمىش «شىۋىتسارىيەلىك» Jonas Drosten دېگەن كىشىنىڭ نامىدىن تىۋىتتېردا ئېلان قىلىنغان. بۇ خەۋەر يەنە «شىۋىتسارىيە خەۋەر تورى» دېگەن نامدىكى بىر تور بېكىتىدىمۇ تارقىتىلغان. بۇ يىل 5-ئايدا «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە مەزكۇر ساختا شىۋېتسارىيەلىكنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن.

ئامېرىكادىكى «Mandiant Inc» ناملىق تور بىخەتەرلىك شىركىتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئادرىيان زېنزغا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى-خىتاينى قوللايدىغان ۋە خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان 70 تىن ئارتۇق گۇمانلىق خەۋەر تورلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئوبراز تەشۋىقاتىنى قىلىش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، بۇ تور بەتلەر 11 خىل تىلدا خەۋەر تارقىتىدىكەن.

يۇقىرىقى بۇ تور بىخەتەرلىك شىركىتى، بۇ تور ھۇجۇمى ھەرىكىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە چېتىشلىقلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان كونكىرېت ئىسپاتلار بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ تور بەتلەر ئۈچۈن قوللىنىلغان «ئاكتىپ ئېنېرگىيە» دېگەن سۆزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دائىم ئىشلىتىلىدىغان سۆز ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ ھەرىكەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆز قارىشى ۋە سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان سىستېمىلىق تور ھەرىكىتى دەپ جەزملەشتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر دوكلاتتىن كېيىن تۋىتتېر باياناتچىسى تىۋىتتېردىكى بىر قانچە ھېساباتلارنىڭ توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما يۇقىرىقى ئويدۇرما خەۋەر تارقاتقان تور بەتلەرنىڭ بىرى بولغان شاڭخەي خەيشۈن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ناملىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە دۆلەت قوللىشىدىكى تور تەشۋىقاتىنى كەڭ كۆلەمدە ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولۇپ، Mandiant تور بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئانالىز دېرىكتورى دانىيال كاپېلمان نۆۋەتتە ئىجتىمائىي ئالاقە تور بەتلىرى ۋە ساختا خەۋەر تور بەتلىرى ئارقىلىق ئۇچۇر قالايمىقانچىلىقى پەيدا قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ساختا تور بەتلەر شىمالىي ئامېرىكا، ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاسىيادىكى ئوقۇرمەنلەرنى نىشان قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن سىرت، يەنە خوڭكوڭ مەسىلىسى ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەققىدىمۇ ئويدۇرما خەۋەرلەرنى تارقاتقان. ئۇكرائىنا تىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ھەتتا ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنادا قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئاتالمىش «بىئو-خىمىيە تەجرىبىخانىسى» نىڭ نۇرغۇنلىغان ئۇكرائىنىيالىقلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.