ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) ۋە تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇل ئەسلىھە بىخەتەرلىك ئىدارىسى (CISA) ئېلان قىلغان باياناتتىن قارىغاندا، خىتاي خاككېرلىرى ئامېرىكانىڭ ھۆكۈمەت ۋە سىياسىي ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاشنى مەقسەت قىلغان كەڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان.
13-نويابىر چارشەنبە كۈنىدىكى بىرلەشمە باياناتتا دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە چېتىشلىق بولغان تور ھۇجۇمچىلىرى ئامېرىكانىڭ «ئۇچۇر-ئالاقە شىركەتلىرىنىڭ سىستېمىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئالاقە سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئوغرىلىغان، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ مەزمۇنلىرىنى قولغا چۈشۈرگەن.
بىرلەشمە باياناتتا، بۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى «ھۆكۈمەت ياكى سىياسەتكە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر» ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئۇلار يەنە «زور كۆلەملىك ۋە ئىنتايىن ئېغىر» دەپ تەسۋىرلىگەن تور ھۇجۇمى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭغا دائىر تەپسىلاتلارنىڭ داۋاملىق ئاشكارىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دائىرىلەر پىرېزىدېنتلىق سايلىمى بولۇشتىن ئاۋۋال ئاشكارىلىغان بىر قىسىم مەلۇماتلىرىدا، بۇ تور ھۇجۇمىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپ، ئۇنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنت نامزاتى د. ج. ۋەنس، ھازىرقى مۇئاۋىن پىرېزىدېنت كامالا خاررىسنىڭ سايلام كومىتېتى ۋە دۆلەت مەجلىسى خادىملىرىنىڭ تېلېفونلىرىنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ رەئىسى مارك ۋارنېر ئەينى چاغدىكى سۆزىدە، «بۇ ۋەقە سىلەر پەرەز قىلغاندىنمۇ جىددىي ھەم ئېغىر، بۇ ئىستىخبارات ساھەسى يىللاردىن بېرى دۇچ كەلگەن ئەڭ ئېغىر ۋەقە» دېگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ھۇجۇم 200 مىڭدىن ئارتۇق كامېرا، سىنئالغۇ ۋە ئائىلە ۋە ئىشخانىلاردا ئىشلىتىلىدىغان تور روتېرى قاتارلىقلارغا بېكىتىلگەن يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، تور خاككېرلىرى بۇ ئارقىلىق يۇقۇملانغان كومپيۇتېر تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇچۇر ئوغرىلاشنى ئاسانلاشتۇرغان.