ئوتكەن ھەپتە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى «تور بىخەتەرلىك قانۇنى»نى رەسمىي قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق كوزەتكۈچىلىرى بۇ قانۇننىڭ خىتايدىكى ئىنتېرنېت ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى بوغۇش رولىنى ئوينىشى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.
ئۆتكەن جۈمە كۈنى بىر قانچە يۈز شىركەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان 40 تىن ئارتۇق خەلقئارالىق شىركەت خىتاي ھوكۈمىتىگە خەت ئەۋەتىپ، مەزكۇر تور بىخەتەرلىك قانۇنىغا بولغان ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرگەن ئەندىشىلىرىدە مەزكۇر قانۇننىڭ خىتاي بىلەن دۇنيانىڭ باشقا دولەتلىرى ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ئارىلىقنى چوڭايتىۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئىزھار قىلغان.
بۇ خەتكە ئىمزا قويغان شىركەتلەر ئىچىدە ئامېرىكا سودا جەمئىيىتى، ياۋروپا كارخانىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسى، خەلقئارالىق خاراكتېرگە ئىگە ئۇچۇر تېخنىكىسى كارخانىلىرى بىرلەشمىسى، ئىنتېرنېت تورى بىرلەشمىسى ۋە باشقىلار بار ئىكەن.
7-نويابىر كۈنى قوبۇل قىلىنغان تور بىخەتەرلىك قانۇن كېلەر يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇش بەلگىلەنگەن.قانۇندا تور بوشلۇقىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەكىتلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ئىنتېرنېت تورىدىكى سۆز ئەركىنلىكىنى قاتتىق كونترول قىلىشتىن باشقا يەنە خىتايدىكى چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى ۋە ئاساسلىق سودا ئۇچۇرلىرى ھەم باشقا ئۇچۇرلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشى بەلگىلەنگەن.