خىتاي ۋە تۈركمەنىستان «ئۈچ خىل كۈچ»  كە بىرلىكتە زەربە بېرىشكە قوشۇلغان

«خەلق تورى » نىڭ 30-نويابىر كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى دىڭ شۆشياڭ 11-ئاينىڭ 28-29-كۈنلىرى تۈركمەنىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى بەردى مۇھەممەدوف بىلەن كۆرۈشكەن.

دىڭ شۆشياڭ بۇ ئۇچرىشىشتا سۆز قىلىپ، خىتاي-تۈركمەنىستان مۇناسىۋىتىدە چوڭ تەرەققىيات بولغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈپ، «تەقدىرداش دۆلەتلەر گەۋدىسى» قۇرۇشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بەردى مۇھەممەدوفمۇ خىتاي بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى ھەمدە خىتاي بىلەن بىرلىكتە رايون خەۋپسىزلىكىنى قوغداپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر خەۋەردە يەنە «ھەر ئىككى تەرەپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» كە بىرلىكتە زەربە بېرىشكە قوشۇلدى» دېيىلگەن.

جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پىروفېسسورى، دوكتور شان روبېرتسنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، «ئۈچ خىل كۈچ» كە زەربە بېرىشتەك شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ سەۋەبى، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى لىنىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ «باش ئاغرىقى» بولغان ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ۋە يالغۇز قالدۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن.