يېقىندا 3-قېتىم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارلىق ئورنىغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ كومپارتىيە ئىچىدىكى مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىگەن شى جىنپىڭ، 8-نويابىر كۈنى خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش قوماندانلىق شتابىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ بارلىق كۈچىنى ئۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ئارمىيەسىدىن بارلىق كۈچىنى ئۇرۇشقا مەركەشلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشتا كىمنى نىشان قىلغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ غەربىي تىنچ ئوكيان رايونىدا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا خىرىس قىلىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم.
بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا ئىستېراتېگىيەلىك قوماندانلىق شتابىنىڭ قوماندانى، ئادمېرال چارلېس رىچارد، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا چوڭ توقۇنۇش يۈز بېرىشكە يېقىنلىشىپ قېلىۋتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ، ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى، يەنى 2-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق يىغىندا، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ ئامېرىكا ھازىر دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ توقۇنۇش ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ چوقۇم خىتايغا چېتىشلىق دۇنياۋى توقۇنۇشقا تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا شى جىنپىڭ خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش قوماندانلىق شتابىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كۈچىنى ئۇرۇشقا مەركەشلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش قوماندانلىق شتابىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق دېگەن: «پۈتۈن ئارمىيە پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى كۈچەيتىش ئىدىيەسى، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستىراتېگىيە يۆنىلىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، جەڭ قىلىش كۈچىدىن ئىبارەت بۇ تۈپ ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، بارلىق كۈچىنى ئۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈشى، بارلىق خىزمەتلەر ئۇرۇشقا قارىتىلىشى، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تېزلىتىشى كېرەك.»
شى جىنپىڭنىڭ بۇ يوليورۇقنى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان يېڭى دۆلەت مۇداپىيە ئىستىراتېگىيەسىدە خىتاي ئامېرىكا بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت، دەپ كۆرسىتىلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا بەرگەن.