خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ «8 چوڭ ئىشلەپچىقىرىش توپى» غا ئايلاندۇرۇشنى تېز سۈرئەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى تورلاشتۇرۇش ۋە «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش قەدىمىنىمۇ تېزلەتمەكتە.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 29-مارت كۈنى كۇچادا تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدىكى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى تورلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇش تۈرى باشلانغان. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، 2022-يىلى 9-ئايدا باشلانغان «غەربنىڭ گازنى شەرققە يۆتكەش» گاز تۇرۇبا يولى 4-لىنىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۆلىكىنىڭ كەپشەرلەش خىزمىتىمۇ تاماملانغان. خىتايدا چىقىدىغان «خەلق گېزىتى» نىڭ 1-ئاپرېل كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى 4-لىنىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۆلىكىنىڭ بۇ يىل 10 ئايدا رەسمىي پۈتۈپ ئىشقا كىرىشىشكە تەييار بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
«غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش» تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنىڭ 4-لىنىيەسى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قىرغىزىستان چېگراسىدىكى ئەركەشتامدىن باشلىنىپ، تۇرپان ئارقىلىق نىڭشيانىڭ جوڭۋېي شەھىرىگە بارىدىكەن. تۇرپاندىن جوڭۋېيغىچە بولغان 1745 كىلومېتىرلىق بۇ تۇرۇبا يولىنىڭ يىلىغا 15 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى، بۇ لىنىيە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گازىنى خىتايغا توشۇشتىكى مۇھىم قاناللىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى «8 چوڭ ئىشلەپچىقىرىش توپى» غا ئايلاندۇرۇش پىلانى، شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى تورلاشتۇرۇش ۋە «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش قەدىمىنى تېزلىتىشى، ئۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان زىددىيىتى ئۆتكۈرلىشىپ، تەيۋەن بوغۇزى ۋە جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەن، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئورتاق ھەربىي قوماندانلىق سىستېمىسىنى كۈچەيتىشكە كىرىشكەن بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلماقتا. خىتاينىڭ 2108 كىلومېتىرلىق تارىم ھالقىسىمان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى تورلاشتۇرۇشىمۇ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى «8 چوڭ ئىشلەپچىقىرىش توپى» غا ئايلاندۇرۇش پىلانى بويىچە رايونغا كېلىپ يەرلىشىدىغان خىتاي كارخانىلىرى ۋە ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قۇرۇلۇش تۈرى 2025-يىلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشسە، تەكلىماكان ئەتراپىدىكى 9 ناھىيە، شەھەرنىڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى تورى تۇتاشتۇرۇلۇپ، كۈندىلىك گاز بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ھازىرقى 27 مىليون كۇب مېتىردىن، 58 مىليون كۇب مېتىرغا چىقىدىكەن.