خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتى بولغان «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېقىنى توقۇنۇش ھەققىدە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەر ئارا ئۆچمەنلىشىش مەسىلىسىنى ئېتىراپ قىلغان، ئەمما ئۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنى سۈرۈشتۈرمىگەن.
گېزىت ماقالىسىدە، «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ تېررورلۇققا قارشى كۆرەش قىلىش كېرەك» دەپ جار سالغان بولسىمۇ، «نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان ئارازلىشىشنىڭ رېئاللىقىغا توغرا قاراش كېرەك» دەپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسىلىلەرنى ئازراق بولسىمۇ ئېتىراپ قىلغان.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، خىتاي «خەلق گېزىتى» باشقۇرۇشىدىكى «يەرشارى ۋات گېزىتى» سايباغ ۋەقەسى ھەققىدىكى ئوبزورىدا يەنە، «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» مىللەتلەر ئارىسىدا قالدۇرغان چوڭقۇر نىزا، ئۇيغۇر، خەنزۇ ئارىسىدا يەنە يېڭى نىزالارنى پەيدا قىلماقتا، دېگەن.
ھالبۇكى ئوبزوردا «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» نى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللارنىڭ نېمە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلمىگەن.
15 - دېكابىر قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ سايباغ يېزىسىدا قانلىق ۋەقە يۈز بېرىپ، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن 16 ئادەمنى قىرغىن قىلغان ۋە 21 بالىنى يېتىم قىلغان ئىدى.