ئەركىنلىك سارىيى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇخبىرلارغا قىلغان تەھدىت ۋە ھۇجۇملىرى كۆپىيىۋاتىدۇ»

ئامېرىكادىكى تەسىرى چوڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان «ئەركىنلىك سارىيى» 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇھاجىرەتتىكى مۇخبىرلارغا سېلىۋاتقان تەھدىت ۋە ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ دوكلاتتا يەنە مۇستەبىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر مۇخبىرلارغا، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە تەھدىت سېلىشى ۋە باشقا ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەر جىسمانىي جەھەتتىن جازالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەجبۇرلاش ۋە قورقۇتۇش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىدىكى مۇخبىرلارنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە» .

«ئەركىنلىك سارىيى» 2014-يىلدىن باشلاپ، 26 مۇستەبىت ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان، ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئىشلەۋاتقان مۇخبىرلارنى تۇتقۇن قىلىش، يارىدار قىلىش ۋە قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 112 ۋەقەنى خاتىرىلىگەن. لېكىن بۇ سان پەقەت ھەقىقىي ئومۇمىي ساننىڭ بىر قىسمىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن.

مەزكۇر دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ھازىر ئامېرىكىدا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان گۈلچېھرە خوجا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلىرى ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش نىشانى قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى 20 نەچچە تۇغقانلىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان ۋە قولغا ئېلىنغان، بەزىلىرى لاگېرلارغا قامالغان» .

ئىلگىرى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا ئىشلەۋاتقان مەمەتجان جۈمە، نۇرئىمان ئابدۇرېشىت ۋە ئەسەت سۇلايمان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلىرى ئۈچۈن خىتاي تەرىپىدىن ئۆچ ئېلىنغان؛ ئۇلارنىڭ 50 دىن كۆپ تۇغقىنى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان ۋە قولغا ئېلىنغان، بەزىلىرى لاگېرلىرىدا قامالغانلىقى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىنغانىدى.