خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «شىنخۇا تورى» نىڭ 18-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىللەردە خوتەندىن تارتىپ ئۈرۈمچىگە قەدەر بولغان كەڭ رايوندىكى ھەرقايسى شەھەر ۋە ناھىيەلەردە مۇزېيخانىلارنى كېڭەيتىش ۋە كۆپەيتىپ قۇرۇش بىلەن كۆپلەپ شۇغۇللانغان. نەتىجىدە ھازىر پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا «مۇزېيخاندا بولمىغان ھېچقانداق يەر قالماسلىق» ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ خىلدىكى مۇزېيخانىلارنىڭ باش ۋەزىپىسى مۇزېيخانىغا زىيارەتكە كەلگۈچىلەرگە شۇ جايلاردىكى «ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر» نى ئەڭ جانلىق بايان قىلىپ بېرىشتىن باشقا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىدىكى ئەڭ جانلىق ۋاسىتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. خەۋەردە بۇنىڭ جانلىق مىسالى قاتارىدا 2021-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك مۇزېي ئوتتۇرىغا چىقارغان «شەرقتىن چىققان بەش يۇلتۇز خىتايغا بەخت ئېلىپ كېلەر» سەرلەۋھىلىك ئارخېئولوگىيەلىك «بايقاش» تىلغا ئېلىنغان. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي رەتلەپ چىققان «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىمىز» تېمىسىدىكى «ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلار تۈرى» ۋە بىڭتۇەن مۇزېيخانىسىنىڭ «چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش» تېمىسىدىكى كۆرگەزمىسىنىڭ «مۇۋەپپەقىيەتلىرى» ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ۋاڭ جىنۋېن بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ: «يېقىنقى مەزگىللەردە ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە مۇزېيخانىلارنىڭ سانى ۋە سۈپىتى زور دەرىجىدە ئاشتى. بۇلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيىتىنى ۋە سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۆھپە قوشتى» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىكىگە دائىر بارلىق ئىزلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇزېيلاشقان ھالىتىلا قىسمەن ھالدا ساقلىنىپ قالغانلىقى مەلۇم. ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «پۈتۈن شىنجاڭنى مۇزېي ئىچىگە ئېلىش» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۇلارنىڭ بۇ ساھەدىكى تېخىمۇ زور تەشۋىقات پائالىيىتىنى باشلايدىغانلىقىدىن بېشارەت، دەپ قارالماقتا.