خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۇقىرى تېخنىكىلىق باستۇرۇشى ھەققىدە كىتاب نەشر قىلىندى

خىتاينىڭ ئەڭ يېڭى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى تېما قىلىنغان «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۇقىرى تېخنىكىلىق باستۇرۇشى ھەققىدە يېڭى نەزەرىيەۋى قاراش» ناملىق بىر كىتاب نەشر قىلىنغان.

Springer (سەكرىگۈچى) تور بېتىدە بېرىلگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، بۇ كىتابتا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق توپلانغان پاكىتلار ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا قوللانغان يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىب-نازارەت سىستېمىسىنىڭ خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا قانداق يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. ئەڭ مۇھىمى بۇ كىتابتا خىتاينىڭ ئۆز ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق باستۇرۇشىنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرى نەزەرىيەۋى نۇقتىدىن تەھلىل قىلىنغان. كىتابنى يېزىشتا جەمئىيەت تەكشۈرۈش، گۇۋاھچىلاردىن ئىسپات ئېلىش مېتودى قوللىنىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ يۇقىرى نازارەت سىستېمىسى، جۈملىدىن جاسۇسلۇق تېخنىكىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكىنى قانداق ۋەيران قىلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي ھاياتى، مەخپىيەتلىكى ۋە ئەركىنلىكىنى قانداق يوق قىلغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم نۇقتا شۇكى، خىتاي يۇقىرى تېخنىكىلارنى ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا تولۇق كونترول قىلىشتەك ئىستراتېگىيەلىك نىشان ئۈچۈن قوللانغان؛ ئۇيغۇرلار مەيلى تۈركىيە ياكى باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان بولسۇن، خىتاي يەنىلا ئۇلارنى چاڭگىلىغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە ئىكەن.

تۈركىيە يىلتىز تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى لاچىن ئىدىل ئۆزتىگ بىلەن ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق بىرلىشىپ يازغان بۇ كىتاب، 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىنغان.