خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇر رايونىدىن قېزىۋالغان بايلىقلارنىڭ يىللىق خۇلاسىسىنى  ئېلان قىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.01.01

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 2024-يىل 1-يانۋار كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، غەربى جەنۇبىي تارىم  نېفىت شىركىتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا تارىم نېفىتلىكىدىن قانچىلىك تەبىئىي بايلىق قازغانلىقى خۇلاسىلەنگەن بولۇپ، 2023-يىل 12-ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بۇ شىركەتنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا ئىشلەپچىقارغان تەبىئىي گاز مىقدارى 10 مىليارد كۇبمېتىردىن ئېشىپ كەتكەن. بىر ئادەم ھەر كۈنى 1 كۇبمېتىر گاز ئىشلىتىدۇ دەپ ھېسابلىغاندا، 10 مىليارد كۇبمېتىر گاز پۈتۈن خىتايدىكى 1 مىليارد 400 مىليون ئادەمنىڭ 7 كۈن ئىشلىتىشىگە يېتىدىكەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، غەربىي جەنۇبىي تارىم نېفىت شىركىتى مەخسۇس  تارىم ئويمانلىقىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقلىرىنى قېزىش ئۈچۈن قۇرۇلغان شىركەت بولۇپ،  20 يىلدىن بۇيان نېفىت قېزىپ ھەمدە «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، ئىچكىرى خىتاينى مول ئېنېرگىيە بايلىقى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن.  يېقىنقى يىللاردا بۇ شىركەت كۇئىنلۇن تېغى ئەتراپىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش، يېڭى نېفىتلىك بازىسى قۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتىكەن.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 2023-يىل 30-دېكابىر بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي نېفىت گۇرۇھىغا قاراشلىق مايتاغ نېفىت-خىمىيە شىركىتىنىڭ يىللىق ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2 مىليون توننىدىن ئېشىپ، خىتاي نېفىت گۇرۇھى ساھەسىدە يېڭى رېكورت ياراتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئېتىلېن دۇنيادا ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان خىمىيەلىك مەھسۇلاتلاردىن بىرى بولۇپ، ئېتىلېن سانائىتى نېفىت-خىمىيە سانائىتىنىڭ يادروسى ھېسابلىنىدىكەن. ئېتىلېندىن ياسالغان مەھسۇلاتلار نېفىت-خىمىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ 75 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن.   ئېتىلېن—ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەركىبىدە مەۋجۇت بولغان  بىر خىل رەڭسىز، سۇس پۇراقلىق كۆيۈشچان گاز بولۇپ، مېۋە-كۆكتاتلارنىڭ پىشىشىنى، ئۇرۇقلارنىڭ بىخلىنىشىنى تېزلىتىش جەھەتتە كاتالىزاتورلۇق رول ئوينايدىكەن. ئۇنى يەنە باشقا ماددىلار بىلەن بىرىكتۈرۈپ، سۈنئىي تالا، رېزىنكە قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن بىرگە، ئىسپىرت، ئاچچىقسۇ، ھەتتا پارتلاتقۇچ دورا قاتارلىقلارنىمۇ ياسىغىلى بولىدىكەن.

2017-يىل دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خەلقئارا راك كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورگىنى ئېلان قىلغان «راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار تىزىملىكى» دە ئېتىلېندىن ياسالغان 3 خىل مەھسۇلات راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

ئىلگىرىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر رايونى خىتاينى نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر ۋە توك بىلەن تەمىنلەش بازىسىغا ئايلىنىپلا قالماي، «ئاشلىق بازىسى »  ۋە« مېۋە-چىۋە ماكانى» غا ئايلانغانىدى. يۇقىرىقى خەۋەردىن،  بىڭتۈەن ۋە باشقا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئېتىلېندىن ئىشلەنگەن خىمىيەلىك مەھسۇلاتلاردىن پايدىلىنىپ، ئاشلىق ۋە مېۋە-چىۋە ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىنى ۋە مىقدارىنى تېزلەتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا . يەنى خىتاي شىركەتلىرى نۆۋەتتە بىر ياقتىن ئۇيغۇر رايونىدىكى نېفىتنى قېزىپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئېتىلېنغا ئوخشاش ماددىلارنى ئايرىۋېلىپ ،ئۇلارنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقارماقتا.     

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.