خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى، «مەركىزى شىنجاڭ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ، 20-سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 9-نۆۋەتلىك «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» خىزمەت يىغىنىدا، خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قارىتا «نىشانلىق ياردەم» نى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا ۋاڭ خۇنىڭ باشقا خىتاي ئۆلكىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى، يەرلىك كادىر ھەم ئەمەلدارلار ئارىسىدا ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا چاقىرغان. ۋاڭ خۇنىڭ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر رايونىدىكى خىزمەتنىڭ ئاساسى نۇقتىسى يەنىلا ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىككە، شۇنداقلا كۈچلۈك «جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭى» بەرپا قىلىشقا قارىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
بۇ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرى جەنۇبىي ئافرىقادىن قايتىش سەپىرىدە تۇيۇقسىز ئۈرۈمچىدە توختاپ، يەرلىك ئەمەلدارلارغا ئۇنىڭ «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نى تېخىمۇ تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىشىدىن كېيىن، بىر كومپارتىيە ئالىي رەھبىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە قايتا يوليورۇق بېرىشىدۇر. بۇ قېتىمقى يىغىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يەر شارى جىنايى ئىشلار ئادالەت باش ئەلچىسى فون شاك ( Van Schaak )خانىم 19-سېنتەبىر كۈنى نيۇ-يوركتىكى «ئاتلانتىك كېڭىشى» دە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق يىغىندا، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملىق جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر ۋاقىتتا چاقىرىلغان. ۋاڭ خۇنىڭنىڭ تەكىتلىشىچە، «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش (خىتاينىڭ) دۆلەت ئىستراتېگىيەسى بولۇپ» دائىرىلەر «چوقۇم شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇشى، شىنجاڭغا قاراتمىلىقى بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ياردەم بېرىشى كېرەك» ئىكەن. ئۇ يەنە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە «ئىشقا ئورۇنلىشىشنى نىشان قىلغان سانائەت ياردىمىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان زامانىۋى سانائەت سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈش كېرەك» دېگەن. لېكىن فون شاك خانىم نيۇ-يوركتىكى يىغىندا ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا كۆپ سانلىق كىشىلەر پەقەت مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنالايدىكەن. ئۇ يەنە رايوندا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى ياكى غايىب بولغانلىقىنى ئېيتقان.
