خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كونا ئولتۇراق رايون ۋە مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى داۋاملاشماقتا. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى رايوندىكى يەنە 67 كونا ئولتۇراق رايون ۋە مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنى پىلانغا كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا 879 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئولتۇراق رايون، مەھەللىلەرنى ۋە بۇ رايون ھەم مەھەللىلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاش نامىدىكى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مىڭ يىللاردىن بېرى ياشاپ كەلگەن ئەنئەنىۋى مەھەللە مەدەنىيىتى، بىناكارلىق ئۇسلۇبى، تۇرمۇش شەكلى ۋە ئورتاق ئىجتىمائىي مۇھىتىغا خاتىمە بېرىشنى؛ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىلىشىپ ياشايدىغان «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» غا ئۇيغۇن ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە تۇرمۇش شەكلى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى قەيت قىلىنىپ كەلدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي قەشقەردە ئېلىپ بارغان يېقىنقى بىر تەكشۈرۈشتىمۇ، ئۇيغۇر نوپۇسى نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەلگەن قەشقەرنى كۆپ مىللەتلەر ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بىر شەھەرگە ئايلاندۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، دائىرىلەر بۇ قېتىم ئۆزگەرتىشنى پىلانلاۋاتقان 67 كونا ئولتۇراق رايون ۋە مەھەللىلەرنىڭ نۇقتىلىق قايسى شەھەرلەرگە جايلاشقانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.
«شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ» تورى قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە قەيت قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا كېتىدىغان مەبلەغ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ خامچوتىدىن ئايرىلغان ئىكەن. خەۋەردە بۇ مەبلەغنىڭ رايوندىكى كونا ئولتۇراق رايون ۋە مەھەللىلەرنىڭ تەبىئىي گاز، سۇ بىلەن تەمىنلەش، ئەۋرەز يوللىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش، تاش يول، كۆكەرتىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاشقا ئىشلىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاينىڭ رايوندىكى كونا ئولتۇراق رايون ۋە مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاش قۇرۇلۇشى ئۇنىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ رايونغا كەڭ كۆلەملىك كۆچمەن يۆتكەش ھەرىكىتى بىلەن بىر ۋاقىتتا تېخىمۇ تېزلىتىلگەن.
