مەتىۋ پوتىنجېر: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق»

10-ئاينىڭ 17-كۈنى، خىتاينىڭ 3-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ بىر يول مۇنبىرى» يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىر كۈندە، 2023-يىللىق «خىتاي مۇھاكىمە مۇنبىرى» يىغىنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، «خىتاي: ئۇيغۇر تىراگېدىيەسى» ناملىق فىلىم كۆرسىتىلدى. ئارقىدىن «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق باستۇرۇشى» دېگەن تېمىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز بۇ يىغىننى چاقىرىشتىكى مەقسەتنىڭ قانداق قىلغاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمىنى توختىتىشنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگىلى بولىدۇ دېگەن مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى رەئىسى مايك گالىگېر، مۇئاۋىن رەئىسى راجا كرىشنامورتى قاتارلىقلار پىكىر بايان قىلدى. ئاندىن ئالىي تەتقىقاتچى، ھوۋېر ئىنستىتۇتى ۋە دېموكراتىيەنى قوغداش فوندى جەمئىيىتىنىڭ خىتاي تەتقىقاتى تۈرى مەسئۇلى مەتىۋ پوتتېنجېر (Mattew Pottinger) خىتاي توغرىسىدا كۈچلۈك بايانلارنى بەردى.

ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى، بىر نەچچە مىليون ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان كوۋىد ۋىرۇسىنىڭ يامراپ كېتىشىدە كوممۇنىست خىتاينىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.

مەتىۋ پوتىنجېر 90-يىللاردا خىتايدا 10 يىللار مۇخبىرلىق قىلغان بولۇپ، 2019-يىلىدىن 2021-يىلغىچە ترامپ ھۆكۈمىتىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى بولغانىدى.

«خىتاي مۇھاكىمە مۇنبىرى» يىلدا بىر قېتىم ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ، ئامېرىكالىقلارغا خىتاينى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى ۋە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. خىتايغا مۇناسىۋەتلىك سودا، ئىقتىساد، دىپلوماتىيە، خەۋپسىزلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي تەرەققىيات ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە سىياسەت تۈزگۈچىلەر بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ پىكىر بايان قىلىدۇ.