ھىندىستانلىق مۇتەخەسسىس: «خىتاي ئۈچۈن خاتالىقلىرىنى تونۇش تېخى كېچىكمىدى، ئۇيغۇرلار بىلەن ئەپلىشىشى كېرەك»

ھىندىستانلىق مۇتەخەسسىس مېھىر شارما تۈنۈگۈن، يەنى 7‏-ئاۋغۇست كۈنى «بلۇمبېرگ گېزىتى» دا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە، بولۇپمۇ لاگېرلار مەسىلىسىدە خاتالاشقانلىقىنى، ئەمما بۇ خاتالىقىنى تۈزىتىمەن دېسە پۇرسەتنىڭ تېخى قولدىن كەتمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئۆزىنىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ» پىلانى ئۈچۈن بىر ئۆتەڭ ئورنىدا كۆرۈۋاتقانلىقى، بۇ يەردىكى يەرلىك خەلقنىڭ رولىنى چەتكە قېقىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بۇ ماقالىدا «تىجارەت دېمەك بىر قانچە يۈك ماشىنىسىنى تاموژنىغا ئەكېلىپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈش دېگەنلىك ئەمەستۇر» دېيىلگەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا داۋاملىق سولىۋېلىنىۋاتقانلىقى ۋە بازارلارنىڭ قۇرۇقدىلىپ قالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن بۇ ماقالىدا خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىگە قارشى كۈشكۈرتۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە «بىر يول بىر بەلۋاغ» پىلانىغىمۇ خەۋپ شەكىللەندۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

ماقالىدا دېيىلىشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلارنى «بىر يول بىر بەلۋاغ» پىلانىدىكى سودىدىن تامامەن سىقىپ چىقارماقچى ۋە ئۇنىڭ ئورنىنى خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن تولدۇرماقچىكەن. ئەمما بۇ كارغا كەلگەن ۋە كېلىدىغان بىر تەدبىر ئەمەس ئىكەن. ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ گەپلەر قۇلاققا خوش ياقماسلىقى مۇمكىن، ئەمما خىتاي تەرەپ خاتالىقىنى تونۇشتا تېخى كېچىكمىدى، خىتاي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئەپلىشىشى كېرەك.»

ماقالىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكى، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكى، شۇڭا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ھەقسىزلىقنىڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئاخىرقى ھېسابتا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ۋە سايراگۈل سائۇتباي ۋەقەسى ئەسلىتىلگەن.