خىتاي ئۆزبېكىستان پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىشنى توختىتىپ قويغان

ئازادلىق رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۆزبېكىستان پۇقرالىرىغا ۋىزا بېجىرىشىنى توختىتىپ قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاساسلىقى پاسپورتىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋىزىسى بار شەخسلەرگە ۋىزا بېرىلمىگەن ئىكەن. ئازادلىق رادىئوسىنىڭ خىتاي ئەلچىخانە تەرەپتىن ئىگىلىشىچە، خىتاي تەرەپ بۇ يىل 30 - ئاۋغۇست كۈنى بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، خىتاي ئۆزبېكىستان پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىشنىمۇ توختىتىپ قويغان. ئازادلىق رادىئوسى خىتاي ئەلچنىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇشقاندا تېلېفوننى قوبۇل قىلغان خادىم ھازىر 30 - ئاۋغۇستتىن ئىلگىرىكى ۋىزا ئىلتىماسلىرىغا قاراپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە ۋىزا مەسىلىسىگە ئائىت ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن كونسۇل بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىشنى سورىغان. ئەمما ئازادلىق رادىئوسى كونسۇل بۆلۈمىگە توختىماي تەلەپ قىلسىمۇ، قوبۇل قىلىدىغان ئادەم چىقمىغان.

تاشكەنتتىكى بىر ۋىزا ۋە ساياھەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتنىڭ خادىمى 9 - ئايدىن باشلاپ، خىتاينىڭ ئۆزبېكىستان پۇقرالىرىنىڭ خىتايغا، جۈملىدىن ئۈرۈمچىگە بېرىش ئۈچۈن ۋىزا بېجىرىشنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستاننىڭ خىتايدىكى كونسۇلخانىسىمۇ قىرغىزىستان پۇقرالىرىنىڭ خىتايغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر رايونىغا بېرىش ئۈچۈن ۋىزا بېرىشنى توختىتىپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن قىرغىزىستان دىپلوماتىيە ساھەسىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.