«ۋۇخەن ۋىرۇسى» دېگەن نام بىلەن تونۇلۇپ، دۇنيادا قاتتىق ئەندىشە قوزغىغان سىرلىق ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ ئەسلى ۋۇخەندىكى بىر بىئولوگىيەلىك قوراللار تەجرىبىخانىسى بىلەن ئالاقىدار بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
«ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 26-يانۋار ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھايۋانلاردىن تارقالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بۇ ۋىرۇس ئەسلى خىتاينىڭ ۋۇخەندىكى بىر مەخپىي بىئولوگىيەلىك تەجرىبىخانا بىلەن چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. «ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئوبزورچىسى بىل گېرتىسنىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ سابىق ئىستىخبارات ئەمەلدارى دانىي شوھامنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. دانىي شوھام ئۇزۇن يىل خىتاينىڭ بىئولوگىيەلىك قوراللار پروگراممىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغانىكەن.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۆتكەن ھەپتە ۋۇخەندىكى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2015-يىلى بەرگەن خەۋىرىنى ئېلان قىلغان. خەۋەردە خىتايدىكى ئەڭ ئىلغار ۋىرۇس تەتقىقات ئورنى بولغان «ۋۇخەن ۋىرىلوگىيە ئىنستىتۇتى» تونۇشتۇرۇلغانىدى. بىل گېرتىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دانىي شوھام «ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتى» گە قىلغان بۇ ھەقتىكى سۆزىدە، «بۇ ئورۇن خىتاينىڭ ئاساسلىق بىئوخىمىيەلىك قوراللار بازىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى بەزى تەجرىبىخانىلار خىتاينىڭ (بىئولوگىيەلىك قوراللىرى)نى تەتقىق قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرىغا ئارىلاشقان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن. لېكىن، بۇ ئۇچۇرنىڭ راستلىقى ھازىرغا قەدەر خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن دەلىللەنمىدى. «ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئۆزلىرىنىڭ بىئولوگىيەلىك قوراللارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى رەت قىلسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئۇنىڭ بىئولوگىيەلىك قوراللارنى مەخپىي تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغانىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا 2835 ئادەم بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان، 81 ئادەم ئۆلگەن. لېكىن بەزى خەۋەرلەردە خىتاينىڭ ھەقىقىي ساننى يوشۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.