خىتاي تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا H5N1 تىپلىق يۇقۇملۇق ۋىرۇس بىلەن H1N1 تىپلىق يۇقۇملۇق ۋىرۇسنى تەجرىبىخانىدا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى تىپلىق دەرىجىدىن تاشقىرى بىر خىل يۇقۇملۇق ۋىرۇس پەيدا قىلغان.
مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ سۈت ئەمگۈچى جانلىقلاردا تارقىلىش ئىقتىدارى پەۋقۇلئاددە زور بولۇپ، بۇ كىشىلەرنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان. خىتاي يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى خاربىن مال دوختۇرلۇق تەتقىقات ئورنى بىلەن گەنسۇ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى، ئامېرىكا «ئىلىم - پەن» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.
ئىككى خىل يۇقۇملۇق ۋىرۇس DNA سىنىڭ بىرلىشىپ، يېڭى تىپلىق بىر خىل يۇقۇملۇق ۋىرۇسقا ئۆزگىرىشى يەر شارىدا بىر نەچچە قېتىم يۈز بەرگەن ۋە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىراق بۇلار ئىككى خىل يۇقۇملۇق ۋىرۇسنىڭ تەبىئىي بىرلىشىشىدىن شەكىللەنگەن ئىدى.
لېكىن خىتاي تەتقىقاتچىلىرى تۇنجى قېتىم ئىككى خىل يۇقۇملۇق ۋىرۇسنى تەجرىبىخانىدا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى تىپلىق بىر خىل سۈنئىي يۇقۇملۇق ۋىرۇس پەيدا قىلغان.
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فرانسىيىلىك ۋىرۇسشۇناس ۋېين خوپسېن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر بۇ خىل سۈنئىي ۋىرۇس تاسادىپىي توڭلاتقۇدىن سىرتقا چىقىپ كەتسە، 100 مىڭدىن نەچچە يۈز مىليونغىچە ئادەم ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دېگەن.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىئولوگىيە مۇتەخەسسىسى كېن ئالىبېكنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 1980 - يىللارنىڭ باشلىرى خىتاينىڭ كورلا ئەتراپىدىكى بىر بىئو - خىمىيە تەجرىبىخانىسىدىن مېنىنگىت ۋىرۇسى چىقىپ كېتىپ، يەرلىك ئاھالە ئېغىر دەرىجىدە يۇقۇملانغان.