خىتاينىڭ تاجسىمان ۋىرۇسىدىن پايدىلىنىپ دۇنيانى قاقتى-سوقتى قىلماقچى بولۇشى مۇنازىرە قوزغىدى

ۋىرۇس تارقىلىشقا باشلىغان دەسلەپكى مەزگىللەردە خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇشى ۋە ئىنكار قىلىشى سەۋەبلىك دۇنيانىڭ بىخۇدلىشىپ بۇ زور ۋابانىڭ خەتىرىگە تەييارلىقسىز قالغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بارلىق زىيان-زەخمەتكە خىتاينىڭ جاۋابكار بولۇشى نۆۋەتتە دۇنيا جامائىتىنىڭ ئورتاق پىكرىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمدىلىكتە خىتاينىڭ بۇ ۋابادىن پايدىلىنىپ دۇنيانى قانداق قاقتى-سوقتى قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە يېڭى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

«ۋوكس» خەۋەر تورىنىڭ 28-ئاپرېلدىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى سادىر قىلغان مۇشۇنداق بىر زور خاتالىقنى ئوڭشاشنىڭ ئورنىغا نۆۋەتتە ۋىرۇس بوھرانىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تاشقى سىياسەت مەقسەتلىرىگە يېتىشنى كۆزلىمەكتىكەن. دۇنيانىڭ دىققىتى خىتايدىن ھېساب ئېلىش مەسىلىسىگە مەركەزلىشىپ قېلىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى باشقا ياققا بۇراش ئۈچۈن تەيۋەننى قورقۇتۇپ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى تېررىتورىيە زومىگەرلىكىنى بازارغا سالماقتا ئىكەن. يەنە بىر ياقتىن بولسا خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە نامايىشى ھەرىكىتىنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋېتىش ئۈچۈن ئەزالىرىنىڭ بۇ جايدىكى نوپۇزىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا بېرىلىدىغان مەبلەغنى توختاتقاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ «ئالىيجانابلىقى» ۋە بۇ خەلقئارالىق تەشكىلاتقا بولغان تەسىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا جامائىتى ۋىرۇس مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلەشكە ئۆتكەندىن كېيىن خىتاي دەرھاللا ساختا ئۇچۇرلارنى كۆپلەپ تارقىتىشقا باشلىغان. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى ئامېرىكا ياكى ئىتالىيەدىن ئىزدەش ئۇرۇنۇشى، ۋىرۇس ۋاباسى بەكلا ئېغىر بولغان بىر قىسىم دۆلەتلەرگە، بولۇپمۇ سېربىيە ۋە ئىتالىيەگە تېببىي خادىملار ۋە تېببىي ئەسلىھەلەرنى ئەۋەتىشى ئاشكارا ھالدا خىتاينىڭ خەلقئارادىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇشنى كۆزلىگەن ھەرىكەتلەر ئىكەن. ئامېرىكا تاشقى سىياسەت كومىتېتىدىكى مۇتەخەسسىس مايكىل سوبولىك بۇ ھەقتە توختىلىپ «خىتاينىڭ بۇ ئىشلىرى پۈتۈنلەي ئاخباراتقا چىقىش ئۈچۈنلا بولۇۋاتىدۇ، خالاس» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋىرۇس تۈپەيلىدىن ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش يۇقىرى پەللىگە چىققان بولۇپ، ئەمدىلىكتە بۇ مەسىلىدە ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىقنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىنى ئارزۇ قىلىش ئاقىلانىلىك ئەمەس ئىكەن. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ۋە ئۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئاندرېۋ ئېرىكسون بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرى ھېچقاچان مەخپىيەتلىك ئەمەس: ئۇلار ھازىر خىتاينى يەنە بىر قېتىم تېز سۈرئەتتە ئۇلۇغ مەملىكەت سۈپىتىدە نامايىش قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما بۇ ئەمدى مۇمكىن ئەمەس» دەيدۇ.