شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن خوڭ كوڭ پارلامېنت ئەزاسى كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خوڭكوڭنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە بارغاندا، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن بىر خوڭكوڭ پارلامېنت ئەزاسى 2 كۈندىن كېيىن كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

رۇيترېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ فامىلىلك بۇ پارلامېنت ئەزاسى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى تەكشۈرتكەندە مەنفى چىققان ۋە شۇ كۈنى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشكەن.

كورونا ۋىرۇسى خىتايغا يامرىغاندىن بۇيان شى جىنپىڭ ئىچكىرى خىتاينىڭ سىرتىغا قەدەم بېسىپ باقمىغان بولۇپ، «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردە بىر مۇنچە خىتاينىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغانىدى.

شى جىنپىڭ خوڭكوڭغا بېرىشتىن بۇرۇن يەرلىك ئەمەلدارلار كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇلاردىن قاتتىق مۇداپىيەلىنىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن ھەمدە غايەت چوڭ كۆلەمدە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، شى جىنپىڭ ئۆتىدىغان يول ۋە ھاۋا بوشلۇقىنى قاتتىق كونترول قىلغان. ئەمما ھەر قانچە قىلسىمۇ، ئۇنى ۋىرۇستىن ياكى يۇقۇمدىن پۈتۈنلەي خالىي قىلالمىغان.

«بلومبېرگ» تورىنىڭ 6-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسى بۇ ھەپتىدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قامال قىلىنىدىكەن. بارلىق پۇقرالار ئۆيىدىن چىقمايدىكەن، يۇقۇم تەكشۈرتكىلى چىققان ۋاقىتتىلا سىرتقا چىقىشقا يول قويۇلىدىكەن. خىتاينىڭ قايسى شەھىرى قامال قىلىنىسا، شۇ يەرنىڭ ئىقتىسادى چېكىنىدىكەن؛ پۇقرالىرى ئۆز ئۆيىدىكى مەھبۇسلارغا ئايلىنىدىكەن، ھەتتا ئاچ قېلىپ ئۆلىدىكەن.