دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس سەيشەنبە كۈنى خىتاينى تەشكىلاتنىڭ كورونا ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى توغرىسىدىكى ئىككىنچى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈش خىزمىتىگە تېخىمۇ يېقىندىن ھەمكارلىشىشقا چاقىرغان.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارغان بىرىنچى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈشى بۇ يىل فېۋرالدا ئاخىرلاشقان ۋە ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىكى ۋىرۇس تەجرىبەخانىسىدىن تارقىلىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەس، بەلكىم ئۇ شەپەرەڭدىن تارقالغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ يەكۈن چىقىرىلغان ئىدى.
دوكتور تېدروسنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بىرىنچى قېتىملىق تەكشۈرۈشتە كورونا يۇقۇمى تارقىلىشتىن بۇرۇنقى ۋە ئۇنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى بىمارلارغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا بەرمىگەن.
ئۇ يەنە، خىتاينى ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانا ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئاشكارىلاشقا چاقىرغان ۋە ئۆزىنىڭ بىر تېببىي خادىم بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنداق ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
BBC نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تېدروسنىڭ بۇ سۆزلىرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كورونا ۋىرۇسىنىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقىلىپ كېتىش نەزەرىيىسىنى قوللاشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىپادىسى ئىكەن.
كورونا ۋىرۇسىنىڭ خىتاينىڭ ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىدىن تارقالغانلىقىنى توغرىسىدىكى پەرەزلەر ئۆتكەن يىلى باشلانغان. بۇ قاراشلار يېقىندىن بۇيان يەنە باش كۆتۈرگەن ئىدى.
ھالبۇكى، خىتاي بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈشلەرگە قاتتىق قارشى تۇرۇپلا قالماي، كورونا ۋىرۇسىنىڭ چەتئەلدىن كەلگەن ۋىرۇس ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان.
ئۆتكەن ئاي ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئائىت ئىككى پارچە قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرۇلغان. قانۇن لايىھەلىرىدە ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى مۇستەقىل خەلقئارالىق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىتايغا بېرىپ، ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات ئورنى ۋە باشقا تەجرىبەخانىلىرىدا كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشىگە يول قويمىسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ئالىملىرىغا جازا يۈرگۈزۈش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكتور تېدروس يەنە كورونا ۋاباسىنىڭ تېخى ئاخىرلاشمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ يېڭى ۋە تېخىمۇ خەتەرلىك ۋارىيانتلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆرۈلۈشكە باشلىغان.