ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى 2-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، كورونا ۋىرۇسىنىڭ ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدىن تارقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكالىق مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىقتىسادى ياردىمىگە ئېرىشىپ كەلگەن بۇ تەجرىبىخانىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلگىرى كورونا ۋىرۇسلىرىنى ئىنسانلارغا يۇقىدىغان شەكىلدە ئۆزگەرتكەنلىكى ۋە بۇ خىل كونتروللۇقنىڭ يوشۇرۇن بولىدىغانلىقىغا ئائىت يېتەرلىك دەلىللەر بارلىقىنى كۆرسەتكەن.
مەزكۇر دوكلات 2-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى، ئاۋام پالاتا تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ باش ئەزاسى مايك مىككال تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مايك مىككال دۇنيادىكى 4 مىليون 400 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋىرۇسنىڭ شەكلى ئۆزگەرتىلگەنلىكى ۋە ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدىن تارقالغانلىقى، خەلقئارانىڭ ۋىرۇس مەنبەسىنى قايتا تەكشۈرۈشىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن.
دوكلاتتا «بىز ۋىرۇس مەنبەسىنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىن تارقالغانلىقىنى پۈتۈلەي رەت قىلىش ۋاقتى كەلگەنلىكىگە ئىشىنىمىز»، «شۇنداقلا بىز يەنە نۇرغۇن دەلىللەر ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇس تەجرىبىخانىسىدىن تارقالغانلىقىنى ئسپاتلاۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېيىلگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، كورونا ۋىرۇسى 2019-يىلى 12-سېنتەبىردىن بۇرۇنقى مەلۇم ۋاقىتتا تارقالغانىكەن. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بۇ يىل 5-ئايدا ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى قايتا تەكشۈرۈپ، 90 كۈن ئىچىدە ئۆزىگە دوكلات قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق بەرگەنىدى.