خىتايدىكى ۋىرۇس ۋاباسى دۇنيانى چۆچۈتمەكتە

خىتايدا قايتىدىن ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىغان تاجسىمان ۋىرۇس يېقىنقى مەزگىللەردە خىتايدىكى پۇقرالارنىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا جامائىتىنىمۇ زور ئەندىشىگە گىرىپتار قىلىشقا باشلىغان. بولۇپمۇ ۋىرۇس ۋاباسىنىڭ يامراش سۈرئىتى ۋە ئۆلۈم-يىتىم سانىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشى بۇنىڭدىكى ئەڭ تىپىك ھادىسىلەردىن بولۇپ قالغان.

خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى بولغان شاڭخەيدىكى ۋىرۇس ۋاباسى ھەققىدە «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» مەخسۇس خەۋەر ئىشلىگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يەرلىك سەھىيە تارماقلىرى ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ شاڭخەي شەھىرىدىكى 26 مىليون نوپۇسنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 70 پىرسەنتىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، نۆۋەتتە بۇنى ۋىرۇس ۋاباسىنىڭ يۇغۇرى پەللىسى، دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما شاڭخەي شەھىرىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك تىقما-تىقما كېسەللەر بىلەن توشۇپ كەتكەن بولۇپ، كېسەل كارىۋىتى ئېلىش ياكى جەسەت كۆيدۈرۈشكە نۆۋەت ئېلىش ھازىرقى كىشىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقى بولۇپ قالغان. بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتى 2022-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن كۆتۈرۈلگەن پۇقرالار نامايىشىدىن كېيىن ۋىرۇسنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى تۇيۇقسىزلا ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن شىددەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلىگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 10-يانۋاردىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە چېڭدۇ، بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرى ئۇزۇن ئۆچىرەتكە تولۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۆچىرەت نۆۋىتىنى يەڭ ئىچىدە 300 دوللاردىن سېتىش پەيدا بولغان. BBC نىڭ 9-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى مەزكۇر ئۆلكىدىكى 90 پىرسەنتكە يېقىن ئاھالىنىڭ ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلىقىنى، يۇقۇمدارلار سانى 88 مىليونغا يەتكەنلىكىنى ئېيتقان. جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى بۇ ئۆلكىدە كۈنىگە بىر مىليون كىشىگە ۋىرۇس يۇقۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر پۈتكۈل خىتاي بويىچە يۇقۇمدارلارنىڭ جەمئىي سانىنى 120 مىڭ، ۋىرۇستىن ئۆلگەنلەرنى 35 نەپەر، دەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ۋىرۇس ۋاباسى ھەققىدە يەنە بىر قېتىم يالغانچىلىق قىلىۋاتقانلىقى بەكمۇ ئاشكارا مەلۇم بولغان.

خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بېن كوۋلىڭ (Ben Cowling) بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، 2023-يىللىق چاغاندا بۇ يىللىق ۋىرۇس ۋاباسىنىڭ يۇقىرى پەللىسى يارىتىلىشى مۇمكىنلىكىنى، شۇ ۋاقىتتا ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليارد خىتاينىڭ يۇقۇملىنىپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.