خىتاي دائىرىلىرى مەسىلە بار ۋاكسىنىلارنىڭ 24 ئۆلكىگە تارقالغانلىقىنى ئىقرار قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى 21 - مارت دۈشەنبە كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، سەندۇڭدا ئىشلەنگەن 12 خىل مەسىلە بار ۋاكسىنىنىڭ 24 ئۆلكىگە تارقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا يەنە بۇ خىل ۋاكسىنىلارنى كىرگۈزگەن، ئىشلەتكەن دوختۇرخانا، داۋالاش مەركەزلىرى ۋە دورىخانىلارنىڭ 25 - مارت جۈمە كۈنىگىچە شۇ جايلاردىكى سەھىيە ئىدارىلىرىغا مەلۇمات يوللىشىنى جىددىي تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 3 - ئاينىڭ بېشىدا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى خېيۈەن شەھىرىدىكى 4 ياشلىق بىر بالا يەسلىدە ۋاكسىنا ئۇرۇلغاندىن كېيىن، قىززىپ ئاغرىپ قالغان. كېيىن دوختۇرخانىدا بالىغا ئۇرۇلغان ۋاكسىنىدا مەسىلە بارلىقى ئېنىقلانغان. ساختا ۋاكسىنا ئەملەنگەن بالا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 4 كۈندىن كېيىن ئۆلگەن. ۋەقەدىن كېيىن، سەندۇڭدا ئىشلەنگەن ۋاكسىنا ھەققىدە جىددىي ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىلىپ، ساختا ۋاكسىنىلاردىن 12 خىلى بارلىقى ئاشكارىلانغان. بۇ خىل مەسىلە بار ۋاكسىنىلارنىڭ كۆپلىگەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە كېڭەيگەنلىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلىنىپ، خىتايدا نارازىلىق كۈچەيگەن ئىدى.

ئىلگىرى رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردا، بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاتا، ئانىلارنىڭ، ۋاكسىن ئۇرۇش باھانىسى بىلەن بالىلىرىنى كىسەل قىلىپ قويۇشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ۋاكسىنا ئۇرۇشنى رەت قىلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.