خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىدە پائالىيەت باشلىدى

خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچ كۈندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى جايلاردا دىنىي، مائارىپ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى زاتلار ۋەكىللىرى ۋە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن ھال سوراش ھەم ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن مەخسۇس مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى سۈپىتىدە خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ۋە سىياسىي كېڭەش رەئىسى يۈ جېڭشېڭ باشچىلىقىدا ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن.

بۇ ئۆمەك 69 ئادەمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، سابىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيى مۇدىرى، ھازىر خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇۋاتقان ئەركىن ئىمىر باقى مەزكۇر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

خىتاينىڭ ھەر قايسى مىنىستىرلىقلىرى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھەر قايسى رەھبەرلىك تارماقلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىدىن ۋە بىر قىسىم ئۆلكە ھەم ئاپتونوم رايون ۋەكىللىرىدىن تەشكىللىگەن بۇ ئۆمەك بىر قانچە تارماقلارغا بۆلىنىپ ھەر قايسى جايلاردا پائالىيەت باشلىغان.

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ 25-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قىسمەن ئەزالىرىنى باشلاپ شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىغا بېرىپ ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن.

ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ مەسچىتىدە يۈ جېڭشېڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەندە، «شىنجاڭدا ئەزەلدىن كۆپ مىللەت، كۆپ دىن، كۆپ مەدەنىيەت بىللە ئىناق ئۆتىدىغان ئېسىل ئەنئەنە بار» دېگەن. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆمەكنىڭ ئاساسلىق ئۇچرىشىش نىشانى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي ئەمەس مىللەت ۋەكىللىرى بولۇپ، ئۇلارغا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە پارتىيەسىنىڭ مىللىي، دىنىي، مۇقىملىق ۋە باشقا سىياسەتلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى چۈشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.