مەركەز ۋەكىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىدىن دۆلەت بىرلىكىنى قوغداش ئىدىيىسى تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلدى

خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن مەخسۇس ئەۋەتىلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باش كاتىپى، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە سىياسىي بيۇرو ئەزاسى ليۇ يەندوڭ 25-سېنتەبىر كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولۇپ، ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەندە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قاتار ئۈمىد-ئارزۇلىرىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇچرىشىشىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىرىنچى دەرىجىلىك، خەلقاراغا تونۇلغان، خىتاينىڭ غەربىدىكى ئىلغار ئۇنىۋېرسىتېتقا ئايلاندۇرۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ليۇ يەندوڭ سۆزىدە يەنە مۇھىم نۇقتا سۈپىتىدە ئوقۇتقۇچىلاردىن ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «توغرا دۆلەت كۆز قارىشى، مىللەت كۆز قارىشى، دىن كۆز قارىشى، تارىخ كۆز قارىشى، مەدەنىيەت كۆز قارىشىنى تىكلەپ، ئۆزلۈكىدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەت بىرلىكىنى قوغداشقا يېتەكلەش» نى تەلەپ قىلغان.

مەلۇمكى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ ئالىي مەكتەپ. بۇ،ئۇنىۋېرسىتېتتا ئەسلىدە مىللىي ئوقۇغۇچىلار نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى بېكىتىلگەن ئىدى. 1955-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى سۈپىتىدە پۈتۈن دەرسلەرنىڭ ئۇيغۇر ۋە خىتاي ئىككى تىلىدا ئۆتۈلۈش بېكىتىلىپ، بۇ خىل ئوقۇتۇش يېرىم ئەسىر داۋاملاشقاندىن كېيىن، پەقەت ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن باشقا دەرسلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاي تىلىدا ئۆتۈلۈشى يولغا قويۇلغان ئىدى.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى 1985-يىلى ۋە، 1989-يىلى ئىككى قېتىم كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنمۇ بۇ ئورۇننىڭ نازۇك نۇقتا سۈپىتىدە قارالغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.