«بازا» تەشكىلاتى خىتاي تىنچلىق ساقلاش قىسمىغا ھۇجۇم قىلدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ب د ت نامىدا ئافرىقىغا ئەۋەتكەن تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىملىرىدىن مالى جۇمھۇرىيىتىنىڭ گاۋ شەھىرىدە تۇرۇشلۇق بىر بۆلۈك قوشۇن شۇ جاي ۋاقتى 1-ئىيۇن سەھەردە قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. نەتىجىدە بىر ئەسكەر ئۆلۈپ، تۆت كىشى يارىلانغان. ئون نەچچە كىشى يېنىك يارىلانغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ھۇجۇمنى «بىر قېتىملىق تېررورلۇق ھەرىكىتى ۋە ئېغىر جىنايەت. بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ سەۋرى قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت ۋە مالى ھۆكۈمەتلىرىدىن ۋەقەنى تېزدىن تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي «بازا» تەشكىلاتىنىڭ شىمالىي ئافرىقا شۆبىسىنىڭ ئالجېرىيەلىك ئاتامانى «يەكچەشمە» مۇختەر بەلمۇختەر مەزكۇر ۋەقەنى ئۆزلىرىنىڭ تەشكىللىگەنلىكىنى جاكارلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ تىنچلىق ساقلىغۇچى قوشۇنىدىكى 2400 دىن كۆپ ئەسكەر ب د ت نامىدا ئافرىقىدىكى مالى، لىبېرىيە ۋە باشقا بەش دۆلەتتە ۋەزىپە ئۆتىمەكتە ئىكەن.