خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا ئېچىلماقچى بولغان 19-قۇرۇلتىيىدا نۆۋەتتىكى كومپارتىيە نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزمەكچى بولۇشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتتى. مۇلاھىزىچىلەر بۇ توغرىلىق پىكىر قىلىپ «شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ ئىدېئولوگىيىلىك چۈشەنچىسىنى يېڭى نىزامنامىگە قىستۇرماقچى بولۇشى مۇمكىن» دېيىشمەكتە.
رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا ئۆتكەن بەش يىلدا ئۆز ھوقۇقىنى تولۇق مۇستەھكەملىگەن شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ئۆز نامىنى «ماۋ زېدوڭ ئىدىيىسى» ۋە «دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى» قاتارلىق داھىيلارنىڭ نامى بىلەن باغلىنىشلىق ئاتالغۇلار قاتارىغا قوشۇۋېلىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن. سابىق كومپارتىيە سېكرېتارلىرىدىن جياڭ زېمىن ۋە خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلارمۇ پارتىيە نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» ۋە «ئىلمىي تەرەققىيات» دېگەندەك قاراشلىرىنى قىستۇرۇۋالغان بولسىمۇ، ئۇلار پارتىيە نىزامنامىسىگە ئۆز ناملىرىنى قوشمىغان ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭنىڭ ئاساسلىق ئىدىيىۋى قاراشلىرى ھازىر كۈچەپ بازارغا سېلىنىۋاتقان «تۆت ئومۇمەن» دە ئەكس ئېتىۋاتقان بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «يېڭى تۈزىتىش مەزمۇنلىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان ئاچقۇچلۇق نەزىرىيەلەرنى ۋە ئىستراتېگىيىلىك قاراشلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم» دېگەن.