خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ جۈمە كۈنى بارلىق خىتايلارنى ئىتتىپاقلىشىپ، خوڭكوڭ، تەيۋەن مۇستەقىللىقىغە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. ئۇ، بۇ سۆزلەرنى خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ ئاتىسى سۈن جۇڭسەن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 150 يىللىق خاتىرە يىغىنىدا قىلغان.
خىتاي رەئىسى بۇ سۆزلەرنى خوڭكوڭ سىياسىي كرىزىسى ۋە تەيۋەن مۇستەقىللىق پىكرىنىڭ كۈچىيىشىگە قارىتىپ ئېيتقان. ئۇ، ئەگەر تەيۋەن رەھبەرلىرى تەيۋەن بىلەن خىتاي «بىر جۇڭگو» دېگەن پىكىرنى قوبۇل قىلسا، «بىز ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالايمىز» دېگەن.
تەيۋەندە بۇ يىل 1-ئايدىكى سايلامدا غەلىبە قىلىپ، ھاكىمىيەتكە ئولتۇرغان مۇستەقىلچى پرېزىدېنت سەي يىڭۋېن گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە 1992-يىلى ھاسىل قىلغان تەيۋەن -خىتاي بىر جۇڭگو دېگەن پىكىرنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. نەتىجىدە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەن بىلەن بولغان ئالاقىنى توختاتقان ئىدى.
شى جىنپىڭنىڭ ئالاقزادە بولۇشىدىكى يەنە ئامىل، خوڭكوڭدىكى سىياسىي كرىزىس. يېقىندا خوڭكوڭدا بەزى ياش مۇستەقىلچى سىياسىيونلار پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنىپ، خوڭكوڭنىڭ خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان ئىدى.
بېيجىڭپەرەس بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ئەگەر خوڭكوڭدا مۇستەقىلچىلەرگە يول قويۇلسا، بۇ كەلگۈسىدە تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىدا مۇستەقىللىق تەلىپىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا ئۈلگە يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
شى جىنپىڭ جۈمە كۈنى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا يەنە، «ھەرقانداق كىشى، ھەر قانداق ئورگان، ھەرقانداق پارتىيەنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتا ۋە ھەرقانداق ئۇسۇلدا خىتاينىڭ ھەرقانداق بىر پارچىسىنى بۆلۈپ چىقىپ كېتىشىگە ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ» دېگەن.